Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىفانىيا 3:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ھۆركىرىگەن شىرلارغا ئوخشايدۇ. سوراقچىلىرى بىر تال سۆڭەكنىمۇ ئەتىگە قالدۇرمايدىغان ئاچ بۆرىلەردەكتۇر.

Gade chapit la Kopi




زىفانىيا 3:3
15 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ ئاتلىرى يىلپىزدىن تېز، گۇگۇمدىكى ئاچ بۆرىدىن ھوشياردۇر. ئۇلارنىڭ ئاتلىقلىرى يىراقتىن چېپىشىپ كېلىدۇ ۋە خۇددى بۈركۈتتەك ئولجىلىرىغا تاشلىنىدۇ.


شۇڭا دۈشمەنلىرى ئۇلارنى خۇددى ئورمانلىقتىكى شىرلار ئولجىنى تىتقاندەك تىتىپ تاشلايدۇ. دۈشمەنلىرى ئۇلارنى قۇملۇقلاردىن كەلگەن بۆرىلەردەك يەۋېتىدۇ. دۈشمەنلىرى خۇددى يىلپىزلاردەك شەھەر سىرتىدا ساقلاپ يېتىپ، كىم سىرتقا چىقىشقا پېتىنسا شۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى چېكىگە يېتىپ، ئاسىيلىقلىرى تېخىمۇ كۈچەيدى.


قارا، سەندە ياشايدىغان ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئادەم ئۆلتۈرمەكتە.


ئەمما سەن قەلبىڭنى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىققا مايىل قىلدىڭ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ، كۆزلىرىڭنى پەقەتلا دۇرۇس بولمىغان مەنپەئەتكە تىكتىڭ.»


ئەمەلدارلىرىڭ خۇدا بىلەن قارشىلاشتى. ئوغرى-قاراقچىلار ئۇلارنىڭ ھەمراھى بولدى. ھەممىسى پارا ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سوۋغاتنىڭ كەينىدىن چاپىدۇ. ئۇلار يېتىم-يېسىرلەرنى قوغدىمايدۇ، تۇل ئاياللارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمايدۇ.


يوقسۇللارنىڭ ئۈستىدىكى رەزىل ھۆكۈمدار، ھۆركىرەپ تۇرغان شىر، ئوۋ ئىزدەپ يۈرگەن ئېيىققا ئوخشار.


ئۇلار شىردەك ھۆركىرەيدۇ، غالجىر شىردەك ھۇۋلايدۇ. ئۇلار ھۆركىرەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئېتىلىدۇ، ئۇنى ئېلىپ ماڭغاندا، ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزالمايدۇ.


مەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ يېتەكچىلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە روھانىيلىرىنى، شۇنداقلا بۇ زېمىندىكى ئىككى پارچە قىلىۋېتىلگەن موزاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، مەن بىلەن ئەھدە تۈزگەن بارلىق كىشىلەرنى جازالايمەن.


سىلەر قىلىچقا تايىنىپ ياشايسىلەر، يىرگىنچلىك قىلمىشلارنى قىلىسىلەر، باشقىلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلىسىلەر. شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا نېمە ھەققىڭلار بار؟»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى پەيغەمبەر ۋە روھانىيلار ئىمانسىزدۇر. مەن ئۇلارنىڭ ھەتتا مېنىڭ ئىبادەتخانامدا رەزىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite