Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىفانىيا 3:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ھېيت قىلالمىغانلىقىڭلاردىن مەيۈسلەنگەنىدىڭلار، سىلەرنى ئەمدى يىغىمەن، نومۇستا قالدۇرمايمەن.

Gade chapit la Kopi




زىفانىيا 3:18
18 Referans Kwoze  

سىلەرنى ياقا يۇرتلاردىن، يات ئەللەردىن يىغىپ، يۇرتۇڭلارغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن.


ھېچكىم كېلىپ ھېيت ئۆتكۈزمىگەچكە، ماتەم تۇتماقتا سىئون يوللىرى، چۆلدەرەپ قالغان شەھەر دەرۋازىلىرى، ھەسرەت چېكەر روھانىيلىرى. قايغۇغا پاتقان سىئون قىزلىرى، ئازابقا تولغان ھەم قەلبلىرى.


ئۇ چاغدا مەن سىلەرنى يىغىپ، يۇرتۇڭلارغا ئاپىرىمەن. مەن ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا سىلەرنىڭ ئىلگىرىكى پاراۋان ھاياتىڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن ۋە سىلەرنى پۈتۈن ئەللەرنىڭ ئارىسىدا مەدھىيە ۋە شان-شەرەپكە سازاۋەر قىلىمەن.»


ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن ھېيت-بايرام كۈنلىرى نېمىمۇ قىلارسىلەر؟


ئۇ چاغدا، ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيە خەلقى بىرلىشىدۇ ۋە ئۆزلىرىگە بىر يېتەكچى تەيىنلەيدۇ. ئۇلار ئۆز يۇرتىدا گۈللىنىدۇ. يىزرىئەلنىڭ زامانى بۈيۈك بىر زامان بولىدۇ.


مەن ئۇلارنى تارقىلىپ كەتكەن ھەرقايسى يات ئەللەردىن يىغىپ، ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. مەن ئۇلارنى ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، جىرالىرى ۋە ئادەم ياشايدىغان رايونلىرىدا باقىمەن.


سەرگەردانلىقنىڭ ئازابلىق پەيتلىرىدە يېرۇسالېم ئېسىگە ئالار شانلىق كۈنلىرىنى، ئۆتمۈشتىكى ئۆزىگە تەۋە بايلىقلىرىنى. ئۇنىڭ خەلقى چۈشكەندە دۈشمەن قولىغا، ياردەم بەرگۈدەك ھېچكىم بولمىدى ئۇلارغا. دۈشمەنلىرى كۆرگەندە يېرۇسالېمنى، مەسخىرە قىلدى ئۇنىڭ ھالاكىتىنى.


كېيىن مەن ئۆزۈم ھەر قايسى ئەللەرگە سۈرگۈن قىلىۋەتكەن خەلقىمنىڭ ھايات قالغانلىرىنى يىغىمەن. مەن ئۇلارنى ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپىيىدۇ.


چاچقىن نۇرۇڭنى، كۆرسەت ھەقىقىتىڭنى، يېتەكلىسۇن ئۇلار مېنى مۇقەددەس تېغىڭغا، ئېلىپ بارسۇن ئۇچرىشىش جايىمىزغا.


ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «سەن بېرىپ، يېرۇسالېمنى ئايلىنىپ، شەھەردە بولۇۋاتقان يىرگىنچلىك ئىشلارغا ئېچىنىپ، پەرياد قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ پېشانىسىگە بەلگە سېلىپ قوي.»


ھاقارىتىگە قالدۇق قوشنا ئەللەرنىڭ، مەسخىرە نىشانى بولدۇق ئۇلارنىڭ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite