16 شۇ كۈنى يېرۇسالېمغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئەي سىئون، قورقما! قوللىرىڭ بوشىشىپ كەتمىسۇن،
شۇنىڭ ئۈچۈن، تالغان قولۇڭلارغا مەدەت بېرىپ، پۈكۈلگەن تىزىڭلارنى رۇسلاڭلار.
شۇڭا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن بوشاشمايلى. شۇنداق قىلساق، ۋاقتى كەلگەندە چوقۇم مول ھوسۇل ئالالايمىز.
شۇنداق، سەن سەۋر-تاقەت قىلدىڭ، ماڭا ئېتىقاد قىلغانلىقىڭ سەۋەبلىك كېلىپ چىققان جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بەردىڭ ۋە ھارمىدىڭ.
شۇڭا، مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمدىن روھسىزلىنىپ كەتمەي، ئەكسىچە بۇنىڭدىن پەخىرلىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى
سىلەرنى ياراتقان، ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدا تۆرەلدۈرگەن، سىلەرگە ياردەم بېرىدىغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان خىزمەتكارىم، مەن تاللىغان ئىسرائىل خەلقى، قورقماڭلار!
قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە. ئەنسىرىمەڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار. مەن سىلەرنى كۈچلەندۈرىمەن ۋە سىلەرگە ياردەم بېرىمەن. مەن ھەققانىي، قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن سىلەرنى يۆلەيمەن› دېدىم.
ئەي خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى سىئون خەلقى، تاغقا چىققىن! ئەي خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى يېرۇسالېم، ئۈنلۈك ئاۋازدا قورقماي ۋارقىراپ، يەھۇدىيەنىڭ شەھەر-يېزىلىرىغا: «قاراڭلار، بۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار!» دېگىن.
ئەتىسى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە كەلگەن زور بىر تۈركۈم خالايىق ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.
شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەمدى مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە خەلقىگە ياخشىلىق قىلىشنى قەتئىي قارار قىلدىم. سىلەر قورقماڭلار،
قورقمىغىن، چۈنكى سەن ئەمدى ئۇياتقا قالمايسەن، خىجىل بولما، چۈنكى سەن ئەمدى شەرمەندە بولمايسەن. سەن ياش ۋاقتىڭدىكى نومۇسلۇق ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىسەن، تۇل ئولتۇرغان ۋاقىتلىرىڭدىكى شەرمەندىچىلىكلەرنى قايتا ئەسلىمەيسەن.
بىلىمەن، سەن نۇرغۇن ئادەملەرگە بىلىم بېرىپ، ئاجىز قوللارنى مۇستەھكەم قىلدىڭ.
خۇدا رەھىم-شەپقىتى بىلەن بۇ خىزمەتنى بىزگە بەرگەنىكەن، جاسارىتىمىزنى يوقاتمايمىز.
شۇ چاغدا ئۇنىڭ خەلقى مۇنداق دەيدۇ: «بەرھەق، بۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر! بىز ئۇنىڭغا ئىشەنگەن، ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى! مانا بۇ، بىزنىڭ ئىشەنگەن پەرۋەردىگارىمىز. ئەمدى بىز شادلىنايلى، خۇشال بولايلى، چۈنكى ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى.»
ئەي زېمىن، قورقما، خۇشال بول، شادلان! چۈنكى پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدى.
ئەي يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە خەلقلىرى، ئىلگىرى سىلەر ئەللەر ئارىسىدا لەنەتكە قالغان خەلق دەپ ئاتالغان بولساڭلار، ئەمدىلىكتە مەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن. سىلەر بەخت مەنبەسى بولىسىلەر، شۇڭا قورقماڭلار، بەلكى جاسارەتلىك بولۇڭلار!»