Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىفانىيا 3:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 تارقىتىۋېتىلگەن خەلقىم كۇش دەريالىرىنىڭ قارشى قىرغاقلىرىدىن كېلىپ، ماڭا ھەدىيە سۇنىدۇ.

Gade chapit la Kopi




زىفانىيا 3:10
17 Referans Kwoze  

شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قولىنى ئىككىنچى قېتىم كۆتۈرۈپ، قېلىپ قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم خەلقنى قۇتقۇزىدۇ، يەنى ئۇلارنى ئاسسۇرىيەدىن، مىسىردىن، پاتروستىن، ئېفىيوپىيەدىن، ئېلامدىن، بابىلدىن، خاماتتىن ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ.


مىسىردىن مۆتىۋەر ئەلچىلەر كېلەر، ئېفىيوپىيە خۇداغا خالىس ھەدىيە تەقدىم قىلار.


نىل دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە _ ھاشاراتلار قاناتلىرىنى ئۆرۈپ غوڭۇلدايدىغان يەردە ياشايدىغان ئېفىيوپىيەلىكلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!


ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولغان مەنكى پېترۇستىن پونتۇس، گالاتىيا، كاپادوكىيا، ئاسىيا ۋە بىتىنىيە ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان ھەمدە بۇ دۇنياغا مۇساپىر بولغان، خۇدانىڭ تاللىغان بەندىلىرىگە سالام.


خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىدە يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۈچۈن خۇددى روھانىيلاردەك ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولدۇم. بۇنىڭدىن مەقسەت، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاكلىنىپ، خۇددى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك، خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈندۇر.


مەن يېرۇسالېمدىن ئايرىلغىلى خېلى يىللار بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ يەرگە يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمغا ياردەم پۇلى يەتكۈزۈپ بەرگىلى ۋە خۇداغا قۇربانلىق قىلغىلى بارغانىدىم.


فىلىپ يولغا چىقتى. يولدا ئۇ ئېفىئوپىيىلىك بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى ئۇچراتتى. بۇ كىشى كانداس ئىسىملىك ئېفىئوپىيە ئايال پادىشاھىنىڭ باش خەزىنىچىسى بولۇپ، يېرۇسالېمغا خۇداغا ئىبادەت قىلغىلى بارغانىدى.


كۈنچىقىشتىن تارتىپ كۈنپېتىشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى خەلقلەر مېنىڭ نامىمنى ئۇلۇغلايدۇ. ھەممە يەردە مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىسرىق سالىدۇ ۋە پاك ھەدىيەلەرنى سۇنىدۇ. مېنىڭ نامىم پۈتكۈل خەلقلەر ئارىسىدا ئۇلۇغلىنىدۇ.


شۇ چاغدا، بويلىرى ئېگىز ۋە تېرىلىرى سىلىق بولغان قوۋملاردىن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا تارتۇقلار قىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ يىراق-يېقىندىكىلەرنى قورقۇتقان قوۋملاردۇر، كۈچلۈك ۋە ئىشغالىيەتچى قوۋملاردۇر. ئۇلارنىڭ زېمىنى دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلار، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز نامىنى ئۇلۇغلاشقا تاللىغان جايغا، يەنى سىئون تېغىغا تارتۇقلارنى ئەكېلىدۇ.


بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى بىر-بىرىگە: - ئۇ بىز تاپالمىغۇدەك قەيەرلەرگە كېتەر؟ چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان يەھۇدىي مۇھاجىرلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، گرېكلارغا تەلىم بېرەمدىغاندۇ؟


پەرۋەردىگار شۇ ئەللەردە تۇغ چىقىرىپ، سۈرگۈن قىلىنغان ئىسرائىللارنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. ئۇ يەھۇدىيەنىڭ چېچىلىپ كەتكەن خەلقىنى يەر يۈزىنىڭ تۆت تەرىپىدىن يىغىپ كېلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite