زىفانىيا 2:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى7 يەر-زېمىنلىرىڭلارنى ئامان قالغان يەھۇدىيە خەلقى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار ئۇ يەرلەردە قوي بېقىپ، كېچىسى ئاشقىلوندىكى ئۆيلەردە ياتىدۇ. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئىلگىرىكى پاراۋان ھاياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. Gade chapit la |
كىشىلەر ئېتىزلارنى ئېلىپ-سېتىپ، يەر خەتلىرىنى ئىمزالايدۇ، ئۇلار گۇۋاھچىلارنىڭ ئالدىدا يەر خەتلىرىنى مۆھۈرلەيدۇ. بۇ ئىشلار بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدا ھەم يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردا، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىدا، تاغلىق رايونلاردا، غەربىي ئېدىرلىقلاردا ۋە نەگېب چۆللۈكىدىمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. چۈنكى مەن بۇ كىشىلەرنى ئۆز يۇرتقا قايتۇرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»
شۇنىڭ بىلەن شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل، يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋا ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن بارلىق خەلق پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن ھاگاي پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادىن كەلگەن بۇ ۋەھىيگە ئەمەل قىلىشقا باشلىدى. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورققانىدى.