Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىفانىيا 2:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 دېڭىز بويىدىكى سىلەر ياشىغان يەرلەر باياۋانغا ئايلىنىپ، پەقەت مالچىلارنىڭ كەپىلىرى بىلەن قوي قوتانلىرىلا قالىدۇ.

Gade chapit la Kopi




زىفانىيا 2:6
6 Referans Kwoze  

مەن پايتەختىڭلار رابباھ شەھىرىنى تۆگىلەر ئوتلايدىغان ئوتلاققا ئايلاندۇرىمەن، ئاممونلارنىڭ زېمىنىنى قوي قوتىنىغا ئايلاندۇرىمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.


خەلق ئاروئېرنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى تاشلايدۇ. بۇ شەھەرلەر مال-چارۋىلارنىڭ يايلايدىغان يېرىگە ئايلىنىدۇ. بۇ يەردىن ھېچكىم ئۇلارنى قوغلاپ يۈرمەيدۇ، ئۈركۈتمەيدۇ.


ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، قويلار ئۆز يايلاقلىرىدا ئوتلاپ يۈرگەندەك، ئۈزۈمزارلىقلاردا ئوتلاپ يۈرىدۇ. بايلارنىڭ خارابىلىكىدىمۇ مۇساپىرلار ئوزۇقلۇق تېپىپ يەيدۇ.


بۇرۇن تېرىلغان ئېدىرلىقلارغا ئەمدى بارالمايسەن. چۈنكى ئازغان ۋە تىكەندىن قورقىسەن. ئۇ يەرلەر كالا ۋە قوي-ئۆچكىلەر ئوتلايدىغان يەرگە ئايلىنىدۇ.


مەن، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەن: گەرچە بۇ يەر ھازىر قاقاسلىققا ئايلىنىپ، ئادەم ۋە ھايۋانلار قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە قايتىدىن پادىچىلار پادىلىرىنى ئوتلىتىدىغان ئوتلاقلار پەيدا بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite