12 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي كۇشلار، سىلەرمۇ ئۇرۇشتا ئۆلىسىلەر.»
مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا سىلەرنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭلاردۇر. مەن سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا مىسىرنى تۇتۇپ بېرىمەن. مەن يەنە سىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئېفىيوپىيە بىلەن سىبانى تۇتۇپ بېرىمەن.
ئۇلار يىراق يەردىن كېلىدۇ، زېمىننىڭ ئۇ چېتىدىن كېلىدۇ. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ غەزەپلىك قوراللىرى بىلەن كېلىۋاتىدۇ، پۈتۈن زېمىننى گۇمران قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئاسسۇرلار، سىلەر قەھرىمنىڭ كالتىكى، غەزىپىمنىڭ ھاسىسىدۇرسىلەر، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي!
ئۆتۈنەي خۇدا، ئالدىنى توسۇپ ئۇلارنىڭ، قىلىچىڭ بىلەن تىز پۈكتۈرۈپ ئۇلارنى، قۇتقۇزغىن رەزىللەردىن جېنىمنى.
بابىل پادىشاھىنىڭ بىلەكلىرىگە كۈچ بېرىپ، قىلىچ تۇتقۇزىمەن، لېكىن مەن پىرئەۋننىڭ بىلەكلىرىنى سۇندۇرۇۋېتىمەن. پىرئەۋن ئۇنىڭ ئالدىدا ئېغىر يارىدار ئادەمدەك ئىڭرايدۇ.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «مېنىڭ خىزمەتكارىم يەشايا ئۈچ يىل يالاڭ ئاياغ ۋە كىيىمسىز يۈردى. مانا بۇ، مىسىر ۋە ئېفىيوپىيەنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلاردىن بېشارەتتۇر.