Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىفانىيا 1:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن قۇربانلىق قىلىدىغان كۈنى ئەمەلدارلارنى، خان جەمەتىدىكىلەرنى ۋە يات خەلقلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە بېرىلگەنلەرنى جازالايمەن.

Gade chapit la Kopi




زىفانىيا 1:8
15 Referans Kwoze  

ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار پەلەكتىكى كۈچلەرنى، يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى جازالايدۇ.


ئۆز ئەۋلادلىرىڭدىنمۇ بەزىلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇلار بابىلغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئاختا قىلىنىپ، بابىل پادىشاھىنىڭ خىزمىتىگە سېلىنىدۇ.»


پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولى بىلەن سىئون تېغى ۋە يېرۇسالېمنى جازالاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنى ئۇنىڭ ماختانچاقلىقى ۋە ھاكاۋۇرلۇقى ئۈچۈن جازالايدۇ.


يېھۇ بۇتخانىدىكى تونلارغا مەسئۇل كىشىگە: _ بائالغا چوقۇنىدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە تونلارنى كەلتۈرگىن، _ دېدى. ئۇ ئۇلارغا تون كەلتۈردى.


ئاياللار ئەرلەرنىڭ، ئەرلەر ئاياللارنىڭ كىيىمىنى كىيمىسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇنداق ئىشتىن يىرگىنىدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۆز خەلقىڭ بولغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى تەرك ئەتتىڭ، چۈنكى ئۇلار ئۆز زېمىنىنى كۈنچىقىشتىكى ئەللەرنىڭ خۇراپاتچىلىقىغا پاتۇردى، فىلىستىيەلىكلەردەك رەمچىلەرگە تولدۇردى. يات ئەللەر بىلەن ئاپاق-چاپاق بولدى.


ئۇلار پادىشاھلارنى مەسخىرە، ھۆكۈمدارلارنى زاڭلىق قىلىدۇ. ئۇلار مۇستەھكەم شەھەرلەرنى كۆرۈپ، كۈلۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇلار توپا دۆۋىلەپ، سېپىلغا چىقىپ، شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite