زىفانىيا 1:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى17 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىنسانلارغا بالايىئاپەت ئەكېلىپ، ئۇلارنى ئەمالاردەك تىمىسقىلاپ ماڭدۇرىمەن. چۈنكى ئۇلار ماڭا قارشى گۇناھ قىلدى. ئۇلارنىڭ قانلىرى يۇندىدەك تۆكۈلىدۇ، جەسەتلىرى چىرىتىپ تاشلىنىدۇ.» Gade chapit la |
قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلارنى يەھۇدىيلاردىن ئۈستۈن تۇتۇشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، مۇنداق بىر سىردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەن. بۇ سىر بولسا: بىر قىسىم ئىسرائىللار خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچىنى ھازىرغىچە تەرسالىق بىلەن رەت قىلسىمۇ، بىراق بۇ ئەھۋال پەقەتلا قۇتقۇزۇلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ سانى تولۇقلانغۇچە داۋاملىشىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاناڭلارنى ھەيدەپ چىقارغاندا، ئۇنى تالاق قىلدى، دەپ ئويلامسىلەر؟ ئۇنداقتا تالاق خېتى قېنى؟ مەن قەرزدار بولۇپ قېلىپ، سىلەرنى قەرز بەرگۈچىگە سېتىۋەتتىممۇ؟ ياق! قاراڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن سېتىۋېتىلدىڭلار، ئاناڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىدىن ھەيدەلدى.