15 ئۇ غەزەپ، دەرد-ئەلەم كۈنىدۇر، خاراب بولىدىغان، ۋەيران بولىدىغان كۈندۇر، قاراڭغۇ، زۇلمەتلىك ۋە قارا بۇلۇتلۇق كۈندۇر.
ئۇ كۈن قاراڭغۇ، زۇلمەتلىك ۋە قارا بۇلۇتلۇق كۈندۇر. قاراڭغۇلۇق تاغلارنى قاپلىغاندەك، زور كۈچلۈك قوشۇن زېمىننى قاپلايدۇ. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىشلار بۇرۇنمۇ بولمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ.
ئىگەم _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتكەن جىلغىغا ۋەيرانچىلىق، مەغلۇبىيەت ۋە قالايمىقانچىلىق كۈنلىرىنى ئىرادە قىلدى. سېپىللار بۇزۇپ تاشلىنىدىغان ۋە تاغلاردىن ياردەم تىلەپ يىغلايدىغان كۈنلەرنى ئىرادە قىلدى.
چۈنكى، ئۇلارنىڭ غەزىپى تۇتقان دەھشەتلىك كۈن كەلدى. ئۇنىڭغا كىممۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟»
خۇدا يەنىلا ئۆز ئەمرى بىلەن ئۆزىنىڭ يولىدا ماڭمىغانلارنىڭ سوراققا تارتىلىپ ھالاك قىلىنىدىغان ئاشۇ كۈندە ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشىنى بەلگىلىدى. شۇڭا، ئاسمان بىلەن زېمىن تا شۇ كۈنىگىچە ساقلىنىدۇ.
گۇناھىڭغا توۋا قىلماي، جاھىللىق قىلىشىڭ بىلەن خۇدانىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ قوزغايسەن. خۇدا غەزەپكە كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئادىل ھۆكۈمىنى يۈرگۈزىدىغان كۈنى، سەن ئۆز بېشىڭغا ئۆزۈڭ چىققان بولىسەن.
ۋاقتىڭلار توپىدەك توزۇماستا ۋە بەلگىلەنگەن ۋاقىت يېتىپ كەلمەستە، پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ ئوتى يانماستا، ئۇنىڭ قەھر-غەزەپ كۈنى يېتىپ كەلمەستە ئۇيقۇڭنى ئاچ!
پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كەلگەن كۈنى ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمۇ ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇنىڭ غەزەپ ئوتى پۈتۈن زېمىننى كۆيدۈرۈپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىنسانلارنى دەھشەتلىك ھالدا ھالاك قىلىدۇ.
پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ بۇ خاس «قوشۇن»ىغا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ، ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ سانى يوقتۇر. ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغانلار كۈچلۈكتۇر. پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى شۇنچىلىك قورقۇنچلۇقتۇر، ئۇنىڭغا كىممۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟
ھالىڭلارغا ۋاي! مانا، قورقۇنچلۇق كۈنلەر كەلمەكتە. ئۇ كۈنلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان ھېچقانداق بىر كۈن يوقتۇر. ئۇ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىدىغان كۈنلەردۇر، لېكىن ئۇلار ئۇ ئازابلىق كۈنلەردىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ.
- ئۇ بالايىئاپەتلىك كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، «قۇياش قارىيىپ، ئاي يورۇقلۇق بەرمەس، يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ، ئاسمان جىسىملىرى لەرزىگە كېلەر.»
ئۇلار بارلىق شەھەرلىرىڭلارنى قورشىۋالىدۇ. سىلەرنىڭ تايىنىدىغان ئېگىز، مۇستەھكەم سېپىللىرىڭلار ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان پۈتۈن زېمىنىڭلاردىكى شەھەرلىرىڭلارنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ.
ئۇلار ئەتراپىغا قاراپ، پەقەت ئازاب، قاراڭغۇلۇق ۋە قورقۇنچلۇق كۈلپەتنى كۆرىدۇ. ئۇلار تۇم قاراڭغۇلۇققا تاشلىنىدۇ.
قۇياش غۇۋالىشىدۇ، ئاي قان رەڭگىگە كىرىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈك ۋە ھەيۋەتلىك كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن، بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ.
قاراڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كېلەي دەپ قالدى. بۇ شەپقەتسىز كۈن، چەكسىز غەزەپ ۋە رەھىمسىزلىككە تولغاندۇر. ئۇ زېمىننى خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ ۋە گۇناھكارلارنى گۇمران قىلىدۇ.