14 پەرۋەردىگارنىڭ چوڭ سوراق كۈنىنىڭ كېلىشىگە ئاز قالدى، ئاز قالدى، ئۇ كۈن ناھايىتى تېزلا كېلىدۇ! ئۇ كۈلپەتلىك بىر كۈندۇر! ئۇ چاغدا ئەڭ باتۇر ئەزىمەتمۇ پەرياد قىلىدۇ!
بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىك كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن سىلەرگە ئىلياس پەيغەمبەرنى ئەۋەتىمەن.
ئۇ كۈنگە ئاز قالدى، مەن پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى. ئۇ كۈن ھاۋانى قارا بۇلۇت قاپلايدىغان، ئەللەر جازالىنىدىغان كۈندۇر.
ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جىم تۇرۇڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى كېلىدىغانغا ئاز قالدى. ئۇ ئۆز خەلقىنى قۇربانلىققا تەييارلاپ، قۇربانلىق قىلغۇچىلارنى تاللىدى.
پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ بۇ خاس «قوشۇن»ىغا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ، ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ سانى يوقتۇر. ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغانلار كۈچلۈكتۇر. پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى شۇنچىلىك قورقۇنچلۇقتۇر، ئۇنىڭغا كىممۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟
رەببىمىز ئۆزى بىر پەرمان ئارقىلىق باش پەرىشتىنىڭ ئاۋازى ۋە خۇدا ياڭراتقان كاناي ساداسى بىلەن ئاسماندىن چۈشىدۇ. ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئاۋۋال تىرىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ ۋاقىت-سائىتى توشتى، ئاپەت كۈنى كەلدى. سېتىۋالغۇچىلار خۇشال بولمىسۇن، ساتقۇچىلارمۇ ئۆكۈنمىسۇن، چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم پۈتۈن خەلقىمنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.
بىلىڭلار، سىلەرنىڭ باتۇر لەشكەرلىرىڭلار كوچىلاردا ئۈن سېلىپ يىغلايدۇ. تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلىرىڭلار قاتتىق يىغلايدۇ.
خەشبون ۋە ئەلئالى شەھەرلىرىنىڭ خەلقلىرى ياردەم تىلەپ يىغلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ يىغا-زار ئاۋازلىرى يىراقتىكى ياھاز شەھىرىگىچە ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا موئاب لەشكەرلىرى قورقۇنچتىن چۇقان سېلىپ، تىترەپ كېتىدۇ.
قېرىنداشلار، خۇدانىڭ جازاسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىر-بىرىڭلاردىن ئاغرىنماڭلار؛ سوراق قىلغۇچى كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنىنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئاز قالدى، ئۇ كۈن شۇنچە دەھشەتلىكتۇر! ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان كۈنىدۇر.
ئۇلار ئاچكۆز بولغاچقا، ئويدۇرما سۆزلەر بىلەن مال-مۈلكۈڭلارنى تالان-تاراج قىلىدۇ. خۇدانىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جازاسى بۇرۇندىن تەيياردۇر، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.
ئۇ: _ ئاموس، نېمىنى كۆردۈڭ؟ — دەپ سورىدى. مەن: _ بىر سېۋەت پىشقان مېۋە، _ دەپ جاۋاب بەردىم. ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: _ ئىسرائىل خەلقىمنىڭ ۋاقىت-سائىتى توشتى. ئەمدى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ تۇرالمايمەن.
قۇياش غۇۋالىشىدۇ، ئاي قان رەڭگىگە كىرىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈك ۋە ھەيۋەتلىك كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن، بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ.
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈنى سىلەر ‹بېلىق دەرۋازىسى›دىن يىغا ئاۋازىنى، شەھەرنىڭ يېڭى مەھەللىسىدىن پەرياد ئاۋازىنى ۋە تاغلاردىن گۈلدۈرلىگەن ئاۋازنى ئاڭلايسىلەر.
پەرۋەردىگار سىئون تېغىدىن نەرە تارتىپ، يېرۇسالېمدىن گۈلدۈرمامىدەك گۈلدۈرلىگەندە، ئاسمان-زېمىن لەرزىگە كېلىدۇ. لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ پاناھگاھى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ قورغىنى بولىدۇ.
سىئوندا بۇرغا چېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس تېغىدىن خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار! زېمىندىكى بارلىق ئادەملەر تىترىسۇن! پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى يېقىنلاپ كەلمەكتە، ئاز قالدى.
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، بۇ ماقالنى ئىسرائىللارنىڭ ئېغىزىدىن يوق قىلىمەن، ئۇلار ئۇنى ئىسرائىلىيەدە ئىككىنچى تىلغا ئالمايدىغان بولىدۇ. سەن ئۇلارغا ئېيت، ھەممە بېشارەتلەر ئەمەلگە ئاشىدىغان كۈنلەرگە ئاز قالدى.
شەھەرلەر بېسىۋېلىنىپ، مۇستەھكەم قورغانلار ئىشغال قىلىنىدۇ. ئۇ كۈندە موئاب لەشكەرلىرى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ھامىلىدار ئايالدەك قىينىلىدۇ.
ھالىڭلارغا ۋاي! مانا، قورقۇنچلۇق كۈنلەر كەلمەكتە. ئۇ كۈنلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان ھېچقانداق بىر كۈن يوقتۇر. ئۇ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىدىغان كۈنلەردۇر، لېكىن ئۇلار ئۇ ئازابلىق كۈنلەردىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ.
سەركىلەرنىڭ يىغا-زارى ۋە يولباشچىلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلاڭلار. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ.
شەھەردىن ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاڭلانماقتا، ئىبادەتخانىدىن بىر ئاۋاز كەلمەكتە، بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىمنى جازالىغان ئاۋازدۇر!
خۇدا سىناي تېغىدىن سۆزلىگەندە، ئۇنىڭ ئاۋازى زېمىننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەنىدى. لېكىن، ئەمدى ئۇ: «يەنە بىر قېتىم زېمىننىلا ئەمەس، ئاسماننىمۇ زىلزىلىگە كەلتۈرىمەن» دەپ ۋەدە قىلدى.
خۇش پېئىللىقىڭلار پۈتكۈل ئىنسانغا ئايان بولسۇن. ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە ئاز قالدى.
ئۇلار ئەتراپىغا قاراپ، پەقەت ئازاب، قاراڭغۇلۇق ۋە قورقۇنچلۇق كۈلپەتنى كۆرىدۇ. ئۇلار تۇم قاراڭغۇلۇققا تاشلىنىدۇ.
ھايات قېلىپ، تاغقا قېچىپ چىقىۋالغانلار ئازابتىن خۇددى كەپتەردەك بۇقۇلدايدۇ، گۇناھلىرى سەۋەبىدىن زارلايدۇ.
مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن كىشىلەر سوت بولىدىغان جىلغىدىدۇر. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى يېقىنلاپ كەلمەكتە.
لېكىن مەن نېمىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن؟ مىسىرنىڭ قوشۇنلىرى ۋەھىمىگە چۈشۈپ، لەشكەرلەر قېچىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلار مەغلۇپ بولۇپ، ئارقىغا قارىماستىن تېز قاچماقتا. ھەممە يەر قورقۇنچلۇق!