Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىفانىيا 1:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈنى سىلەر ‹بېلىق دەرۋازىسى›دىن يىغا ئاۋازىنى، شەھەرنىڭ يېڭى مەھەللىسىدىن پەرياد ئاۋازىنى ۋە تاغلاردىن گۈلدۈرلىگەن ئاۋازنى ئاڭلايسىلەر.

Gade chapit la Kopi




زىفانىيا 1:10
18 Referans Kwoze  

بۇ ئىشتىن كېيىن ماناسسە «داۋۇت شەھىرى»نىڭ تاشقى سېپىلنى ياساتتى. ئۇ سېپىلنى قىدرون جىلغىسىدىكى گىھون بۇلىقىنىڭ غەرب تەرىپىدىن باشلاپ، ئوفەل ئېگىزلىكىنى ئايلاندۇرۇپ، «بېلىق دەرۋازىسى»غا تۇتاشتۇردى. سېپىلنى بەك ئېگىز سوقتۇردى. ماناسسە يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى مۇستەھكەم شەھەرلىرىدە سەركەردىلەرنى تۇرغۇزدى.


ئۇ كۈن كەلگەندە، ئوردىدىكى ئاياللارنىڭ ناخشا ئاۋازلىرى يىغا-زارغا ئايلىنىدۇ. ھەممە يەرنى جەسەت قاپلاپ، شەھەردە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ. بۇلارنى مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگار ئېيتقانمەن! _ دېدى.


شۇنىڭ بىلەن باش روھانىي خىلقىيا، ئاخىقام، ئاكبور، شافان، ئاسايالار ئايال پەيغەمبەر خۇلداھ بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. ئۇ شاللۇمنىڭ ئايالى ئىدى. شاللۇم تىقۋاھنىڭ ئوغلى، خارخاسنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، كىيىم ساقلايدىغان ئامبارنى باشقۇرىدىغان ئادەم ئىدى. خۇلداھ يېرۇسالېمدىكى يېڭى مەھەللىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىدى.


ھاسسىنائانىڭ ئوغۇللىرى بېلىق دەرۋازىسىنى ياسىدى. ئۇلار لىملارنى ۋە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، بالداقلىرىنى بېكىتتى.


ئۇ غەزەپ، دەرد-ئەلەم كۈنىدۇر، خاراب بولىدىغان، ۋەيران بولىدىغان كۈندۇر، قاراڭغۇ، زۇلمەتلىك ۋە قارا بۇلۇتلۇق كۈندۇر.


ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جىم تۇرۇڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى كېلىدىغانغا ئاز قالدى. ئۇ ئۆز خەلقىنى قۇربانلىققا تەييارلاپ، قۇربانلىق قىلغۇچىلارنى تاللىدى.


پادىشاھ زىدقىيا ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 11-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى قوشۇنلار شەھەر سېپىللىرىنى بۇزۇپ كىردى.


مەن خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان بىر ئايالنىڭ يىغىسىنى، تۇنجى بالىسىنى تۇغۇش ئۈچۈن ئىڭرىغان بىر ئايالنىڭ ئىڭرىشىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. بۇ، گۈزەل يېرۇسالېمنىڭ نەپىسى بوغۇلۇپ قوللىرىنى كۆككە سوزۇپ، «ھالىمغا ۋاي! مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ!» دەپ يىغلىغان ئاۋازى ئىدى.


بىز ھەممىمىز خۇددى ئېيىقتەك ھۆركىرەپ، كەپتەردەك بۇقۇلداپ، ئادالەتنى ئىستەيمىز، لېكىن ئېرىشەلمەيمىز، نىجاتلىقنى ئىستەيمىز، لېكىن ئۇ يىراقتىدۇر.


شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار خىزكىيانى ۋە يېرۇسالېملىقلارنى ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىبنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى ۋە باشقا دۈشمەنلىرىدىن قوغداپ، زېمىنىغا تىنچلىق ئاتا قىلدى.


سۇلايمان يېرۇسالېمنىڭ مورىيا تېغىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشقا باشلىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئورنى يىبۇسلۇق ئاراۋنانىڭ خامانلىقىدا بولۇپ، بۇ يەرنى داۋۇت بەلگىلەنگەنىدى. پەرۋەردىگار سۇلايماننىڭ ئاتىسى داۋۇتقا شۇ يەردە زاھىر بولغانىدى.


شۇنداق قىلىپ، داۋۇت قەلئەنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى ۋە بۇ قەلئەنى «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتىدى. داۋۇت يېرۇسالېم شەھىرىنى تىندۇرۇلغان يەردىن باشلاپ كېڭەيتىپ قۇردى.


(كېيىن داۋۇت يېرۇسالېمدىكى سىئون قەلئەسىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالدى ۋە بۇ قەلئەگە «داۋۇت شەھىرى» دەپ نام بەردى.)


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بەلگىلىگەن ئادەملەر خىلقىياغا ئەگىشىپ، ئايال پەيغەمبەر خۇلداھ بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. ئۇ شاللۇمنىڭ ئايالى ئىدى. شاللۇم كىيىم ئامبىرىنى باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇ خاسراھنىڭ نەۋرىسى، توقھاتنىڭ ئوغلى ئىدى. خۇلداھ يېرۇسالېمدىكى يېڭى مەھەللىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىدى.


ئاندىن ئۇلار ئەفرايىم دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ، كونا شەھەر دەرۋازىسىغا كەلدى. ئۇلار بېلىق دەرۋازىسى ۋە خانانئېل مۇنارىدىن ئۆتۈپ، يۈز مۇنارىغا كەلدى. ئۇلار يەنە قوي دەرۋازىسىغا قاراپ داۋاملىق مېڭىپ، قاراۋۇل دەرۋازىسىدا توختىدى.


ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرى ئەتراپىدا، ئېگىزلىكلەردە، تاغ چوققىلىرىدا، ھەربىر بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ۋە پىستە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدا، شۇنداقلا بۇتلىرىغا خۇش پۇراقلىق قۇربانلىقلار سۇنغان ھەر يەردە قالىدۇ. شۇ چاغدا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite