6 ئاشدود شەھىرىدە نەسلى بۇزۇلغان خەلقلەر ياشايدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن.
مەن ئاشدود شەھىرىنىڭ ھۆكۈمدارىنى يوقىتىپ، ئاشقىلون شەھىرىنىڭ سەلتەنەت ھاسىسىنى تۇتقان ھۆكۈمرانىنى يوق قىلىمەن. مەن ئەقرون شەھىرىگە قارشى قول كۆتۈرىمەن. ئامان قالغان فىلىستىيەلىكلەر قىرىپ تاشلىنىدۇ. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
ئەي يىگىتلەر، سىلەرمۇ يېتەكچىلەرگە بويسۇنۇڭلار. ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا كەمتەر بولۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كەمتەرلەرگە.»
موئاب ۋە ئاممونلار تەكەببۇرلىشىپ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى مەسخىرە قىلىپ، ھاقارەتلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار جازاسىنى يەيدۇ.
ھازىر مەن نىبۇكادنەزەر ئەرشتىكى پادىشاھ، يەنى خۇدانى ماختايمەن، مەدھىيەلەيمەن ۋە ئۇلۇغلايمەن. ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ھەق ۋە ئادالەتلىكتۇر. ئۇ تەكەببۇرلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇشقا قادىردۇر.
شىمالىي پادىشاھلىق ھاراقكەشلىرىنىڭ شەرەپلىك تاج-تەختى بولغان مەغرۇر شەھەر سامارىيەنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ مۇنبەت ساينىڭ ئېگىزلىكىگە جايلاشقان شەھەر ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىكى گۈلگە ئوخشاش خازان بولىدۇ. بۇ خەلقنىڭ مەغرۇرلۇقى شاراب بىلەن ۋەيران قىلىنىدۇ.
بۇ خەلققە كەلگەن كەلگۈلۈكنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىرادە قىلدى. ئۇ ھاكاۋۇر خەلقنىڭ شۆھرىتىنى يەرگە ئۇردى. يەر يۈزىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان سودىگەرلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆكتى.
خۇدا بەزى ئادەملەرنى بايلىق، مال-مۈلۈك ۋە شەرەپلەرگە مۇيەسسەر قىلىدۇ. ئۇلار كۆڭلى خالىغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلىسىمۇ، لېكىن خۇدا ئۇلارغا بۇ نەرسىلەردىن بەھرىلىنىش ئىمكانى بەرمەيدۇ، بۇ نەرسىلەردىن ياتلار بەھرىلىنىدۇ. مانا بۇ بىھۇدىلىكتۇر، بۇ ئازابلىق بىر ئىشتۇر.
بۇ پىرئەۋننىڭ گازا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارنىڭ فىلىستىيەلىكلەر توغرىسىدا يەرەمىياغا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر.
گازا شەھىرىدە ھېچكىم قالمايدۇ، ئاشقىلون قاقاسلىشىپ كېتىدۇ. ئاشدودلۇقلار چۈشكىچە قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. ئەقرون ئاھالىلىرىمۇ شەھەردىن يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ تاشلىنىدۇ.
ئاشقىلون خەلقى بۇنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىدۇ. گازا خەلقىمۇ، ئازابتىن تولغىنىدۇ. ئەقرون خەلقىمۇ ئۈمىدسىزلىنىدۇ. گازانىڭ پادىشاھى ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئاشقىلون ئادەمسىز قالىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن قېنى بار ھارام گۆشلەرنى، چىشلىرىدىن يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى تارتىپ چىقىرىمەن. فىلىستىيەلىكلەردىن ئامان قالغانلىرى مەن پەرۋەردىگارغا تەۋە بولۇپ، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ. ئەقرون خەلقى يىبۇسلاردەك خەلقىم قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.