Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 9:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئاشقىلون خەلقى بۇنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىدۇ. گازا خەلقىمۇ، ئازابتىن تولغىنىدۇ. ئەقرون خەلقىمۇ ئۈمىدسىزلىنىدۇ. گازانىڭ پادىشاھى ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئاشقىلون ئادەمسىز قالىدۇ.

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 9:5
18 Referans Kwoze  

شۇ ۋاقىتتا، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى فىلىپقا: - جەنۇبقا قاراپ يېرۇسالېمدىن گازا شەھىرىگە ماڭىدىغان چۆلدىكى يولغا ماڭ! - دېدى.


بۇ پىرئەۋننىڭ گازا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارنىڭ فىلىستىيەلىكلەر توغرىسىدا يەرەمىياغا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر.


ئەيسا مەسىھكە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ، خىجالەتچىلىكتە قالماسلىقىمنى ئىنتىزارلىق بىلەن ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە ھازىرمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، مەيلى مەن قانداق ياشاي ياكى قانداق ئۆلەي، ئەيسا مەسىھنى باتۇرلۇق بىلەن ئۇلۇغلايمەن.


بۇ ئۈمىد بىزنى ھەرگىز ئۇياتتا قالدۇرمايدۇ. چۈنكى، خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى قەلبىمىزگە سىڭدۈرگەن.


ئەي تىر، سىدون شەھەرلىرى ۋە فىلىستىيەنىڭ بارلىق رايونلىرى، ماڭا نېمىشقا بۇنداق مۇئامىلىدە بولىسىلەر؟ سىلەر مەندىن ئۆچ ئالماقچىمۇ؟ ئەگەر مەندىن ئۆچ ئېلىۋاتقان بولساڭلار، مەنمۇ سىلەردىن ئۆچ ئېلىپ، بېشىڭلارغا تېزلا بالا-قازا چۈشۈرەي.


مەن ئاشدود شەھىرىنىڭ ھۆكۈمدارىنى يوقىتىپ، ئاشقىلون شەھىرىنىڭ سەلتەنەت ھاسىسىنى تۇتقان ھۆكۈمرانىنى يوق قىلىمەن. مەن ئەقرون شەھىرىگە قارشى قول كۆتۈرىمەن. ئامان قالغان فىلىستىيەلىكلەر قىرىپ تاشلىنىدۇ. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


لېكىن ئىگىمىز ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىلىرىنى تارتىۋالىدۇ. دېڭىزدىكى ھەيۋىسىنى سۇندۇرىدۇ. تىر شەھىرى ئوتقا يەم بولىدۇ.


ئاشدود شەھىرىدە نەسلى بۇزۇلغان خەلقلەر ياشايدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن.


پادىشاھ ئاخاز ئۆلگەن يىلى پەرۋەردىگاردىن بۇ ۋەھىي كەلدى:


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «گازا خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار يېزىلاردىكى پۈتۈن كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئىدومغا قۇللۇققا ساتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite