4 لېكىن ئىگىمىز ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىلىرىنى تارتىۋالىدۇ. دېڭىزدىكى ھەيۋىسىنى سۇندۇرىدۇ. تىر شەھىرى ئوتقا يەم بولىدۇ.
سەن چەكسىز گۇناھلىرىڭ ۋە سودىدىكى ئادالەتسىزلىكىڭ بىلەن سەجدىگاھلىرىڭنى بۇلغىدىڭ، شۇڭا مەن ئىچىڭدىن سېنى كۆيدۈرۈپ يوق قىلىدىغان ئوت چىقاردىم ۋە ساڭا قاراپ تۇرغانلارنىڭ ئالدىدا سېنى كۆيدۈرۈپ، كۈلگە ئايلاندۇردۇم.
ئۇلار سېنىڭ ھالىڭغا ئېچىنىپ، مۇنداق مەرسىيە ئوقۇشىدۇ: ‹ئەي داڭلىق دېڭىزچىلار شەھىرى، قورقۇشاتتى قوشنا ئەللەر بىلىپ دېڭىزدىكى قۇدرىتىڭنى، نەقەدەر ۋەيران بولۇپ كەتتىڭ ئەمدى!
شۇڭا مەن تىر شەھىرىنىڭ سېپىلىغا ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت ئۇنىڭ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ.»
ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى يەھۇدىيەلىكلەرگە سېتىپ بېرىمەن. يەھۇدىيەلىكلەر ئۇلارنى يىراقتىكى سىبائى خەلقىگە ساتىدۇ. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
لېكىن تىجارىتىڭ يۈرۈشكەندىن كېيىن، زوراۋانلىق قىلىپ، گۇناھ سادىر قىلدىڭ. شۇ سەۋەبتىن بېغىمنى قوغدايدىغان ئەي كېرۇب، مەن سېنى تېغىمدىن شەرمەندىلەرچە ھەيدىۋەتتىم، ئوتتەك يالتىرىغان تاشلار ئارىسىدىن يوقاتتىم.
ئۇلار سېنى ئۆلۈكلەر ماكانىغا تاشلايدۇ، سەن دېڭىزنىڭ مەركىزىدە ئېچىنىشلىق ھالدا ھالاك بولىسەن.
_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن تىر ھۆكۈمرانىغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سەن تەكەببۇرلۇق قىلىپ، كۆڭلۈڭدە: ‹مەن ئىلاھتۇرمەن، دېڭىزدىكى ئىلاھنىڭ تەختىدە ئولتۇرىمەن› دەيسەن. سەن ئۆزۈڭنى خۇدادەك دانا چاغلىساڭمۇ، لېكىن سەن بەرىبىر ئىنسانسەن، خۇدا ئەمەستۇرسەن.
مال-دۇنيانىڭ پايدىسى بولماس خۇدا غەزەپكە كەلگەن كۈنى، ھەققانىيلىق بولسا ئۆلۈمدىن قۇتقۇزار ئادەمنى.
پايدا بەرمەس ھارام بايلىق، ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرار ھەققانىيلىق.
پەرۋەردىگار قولىنى دېڭىزغا سوزۇپ، پادىشاھلىقلارنى تىترەتمەكتە. ئۇ تىر ئەتراپىدىكى قورغانلارنى گۇمران قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى.
ئاشقىلون خەلقى بۇنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىدۇ. گازا خەلقىمۇ، ئازابتىن تولغىنىدۇ. ئەقرون خەلقىمۇ ئۈمىدسىزلىنىدۇ. گازانىڭ پادىشاھى ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئاشقىلون ئادەمسىز قالىدۇ.