3 تىر خەلقى ئۆزلىرى ئۈچۈن پۇختا سېپىل ياسىدى. ئۇلارنىڭ بايلىقىدىن كۈمۈشلىرى توپىدەك، ئالتۇنلىرى كوچىلاردىكى لايدەك دۆۋىلەندى.
ماللىرىڭ دېڭىز ئارقىلىق توشۇلۇپ، نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىغانىدى، سەندىكى زور بايلىق ۋە تاۋارلار بىلەن پادىشاھلار باي بولغانىدى،
گەرچە ئۇلارنىڭ قۇم دۆۋىلىرىدەك ھەددى-ھېسابسىز كۈمۈشلىرى، لاي دۆۋىلىرىدەك سان-ساناقسىز كىيىم-كېچەكلىرى بولسىمۇ،
تىر قەلئەسىگە، كېيىن يەنە خىۋلار ۋە كەنئانلىقلارنىڭ ھەممە شەھەرلىرىگە باردى. ئاخىرىدا ئۇلار يەھۇدىيەنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى بەئەرشەباغا يېتىپ باردى.
بۇ پاسىل يەنە راماھ شەھىرى ۋە سېپىللىرى مۇستەھكەم تىر شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن يەنە خوساھ شەھىرىگە بۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى ماخالاب ۋە ئاكزىب شەھىرىگە يېقىن رايونلارغا بارىدۇ.
بۇ ئىشلارنى تىرغا كىم ئىرادە قىلدى؟ بۇ شەھەردىن پادىشاھلار چىققان، سودىگەرلىرى شاھزادىلەردەك مەرتىۋىلىك ئىدى. ئۇنىڭ سودىگەرلىرى يەر يۈزىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى.
ئالتۇنۇڭدىن ۋاز كەچسەڭ، ئوفىردىن كەلگەن ئالتۇنلىرىڭنىمۇ تاشلىق سايغا تاشلىساڭ،
پادىشاھ سۇلايماننىڭ زامانىدا يېرۇسالېمدا كۈمۈش خۇددى تاشتەك، كېدىر ياغىچى خۇددى غەربىي ئېدىرلىقتىكى ياۋا ئەنجۈر دەرەخلىرىدەك كۆپ بولدى.
پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئىچىملىك ئىچىدىغان قاچىلىرى ۋە «لىۋان ئورمىنى سارىيى»دىكى بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى ساپ ئالتۇندىن ياسالغان بولۇپ، كۈمۈش ئىشلىتىلمىگەنىدى. چۈنكى سۇلايماننىڭ دەۋرىدە كۈمۈش ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالغانىدى.
پەرۋەردىگار قولىنى دېڭىزغا سوزۇپ، پادىشاھلىقلارنى تىترەتمەكتە. ئۇ تىر ئەتراپىدىكى قورغانلارنى گۇمران قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى.
مال-مۈلكۈڭنى، بايلىقلىرىڭنى بۇلاپ، سېپىللىرىڭنى ۋەيران قىلىدۇ، چىرايلىق ئۆيلەرنى تۈزلىۋېتىدۇ. خارابىلىكتىكى تاش ۋە ياغاچلىرىڭنى دېڭىزغا تۆكىدۇ.
ئەمما سېنى دېڭىز دولقۇنلىرى ۋەيران قىلدى، ماللىرىڭ ۋە بارلىق ئادەملىرىڭ دېڭىزغا غەرق بولدى.
ئۆيلىرى ئالتۇن-كۈمۈشكە تولغان شاھزادىلەر بىلەن بىرگە ئۇيقۇغا كەتمەسمىدىم؟
بايلىقلىرىڭ، ماللىرىڭ، تاۋارلىرىڭ، كېمىچىلىرىڭ، رولچىلىرىڭ كېمە ياسىغۇچى ئۇستىلىرىڭ، سودىگەرلىرىڭ، لەشكەرلىرىڭ ۋە كېمەڭدىكى ھەرقانداق ئادەم سەن ۋەيران بولغان كۈنى دېڭىز مەركىزىدە پۈتۈنلەي غەرق بولىدۇ.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «تىر خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار يېزىلاردىكى پۈتۈن كىشىلەرنى ئىدومغا قۇللۇققا سېتىپ، ئۆزلىرى تۈزگەن ئىتتىپاقداشلىق ئەھدىسىنى بۇزدى.