Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 9:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ئۇ كۈنى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۆز خەلقىنى خۇددى پادىچى ئۆز پادىلىرىنى قۇتقۇزغاندەك قۇتقۇزىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا خۇددى پادىشاھنىڭ تاجىدىكى ياقۇتلاردەك چاقنايدۇ.

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 9:16
25 Referans Kwoze  

سەن پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا ئېسىل تاجغا، خۇدانىڭ ئالىقىنىدا خاننىڭ سەللىسىگە ئايلىنىسەن.


- قوزىلىرىم، قورقماڭلار! سىلەر ئاز ۋە ئاجىز بولساڭلارمۇ، ئاتاڭلار ئۆز پادىشاھلىقىدىن سىلەرنىڭمۇ بەھرىمەن بولۇشۇڭلارنى لايىق كۆردى.


مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، بۇ ئىشلار يۈز بەرگەن كۈنى مەن سېنى، يەنى شىئالتېلنىڭ ئوغلى بولغان خىزمەتكارىم زىرۇببابەلنى مۆھۈرلۈك ئۈزۈكۈم قىلىمەن. چۈنكى مەن سېنى تاللىدىم! بۇ مەن، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»


مېنىڭ قويلىرىم گېپىمنى ئاڭلايدۇ. مەن ئۇلارنى تونۇيمەن. ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ.


ئەي ئىسرائىللار، سىلەر مېنىڭ يايلىقىمدىكى پادىلىرىمدۇرسىلەر. سىلەر مېنىڭ خەلقىم، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


چۈنكى پەرۋەردىگار، ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلاردىن كۈچلۈك بولغان بىر ئەلدىن قۇتقۇزۇپ قالدى.


سېنى ئەزگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ساڭا ئېگىلىدۇ، سېنى كەمسىتكەنلەر سېنىڭ پۇتۇڭغا باش قويىدۇ. ئۇلار سېنى «پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرى»، ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانىڭ شەھىرى _ «سىئون» دەپ ئاتايدۇ.


ئەللەر بۇ نۇرنى كۆرۈپ يېنىڭغا كېلىدۇ، پادىشاھلارمۇ سەن چاچقان نۇرغا قاراپ كېلىدۇ.


بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگار يېگانىدۇر، بىزنى ئۇ ياراتقاندۇر، بىز ئۇنىڭغا تەۋەدۇرمىز، بىز ئۇنىڭ خەلقىدۇرمىز، يايلىقىنىڭ قويلىرىدۇرمىز.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ كۈنلەردە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان، ھەر خىل ئەللەرگە مەنسۇپ ئون ئادەم بىر يەھۇدىينىڭ چاپىنىنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ، ئۇنىڭغا: ‹بىزمۇ سىز بىلەن بىرگە بارايلى! چۈنكى بىز خۇدانىڭ سىلەرگە يار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق› دېيىشىدۇ.»


قاراڭلار، پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن كېلىدۇ، ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك قولى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، قاراڭلار، ئۇ مۇكاپاتى بىلەن كەلمەكتە.


ئۇ چاغدا مەن سىلەرنى يىغىپ، يۇرتۇڭلارغا ئاپىرىمەن. مەن ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا سىلەرنىڭ ئىلگىرىكى پاراۋان ھاياتىڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن ۋە سىلەرنى پۈتۈن ئەللەرنىڭ ئارىسىدا مەدھىيە ۋە شان-شەرەپكە سازاۋەر قىلىمەن.»


ئى پەرۋەردىگار، ساڭا تەۋە پادىلارغا پادىچى بولغايسەن، ئۇلارنى قوغدىغايسەن! ئەتراپىدا مول ئوتلاقلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا چاتقاللىقتا ئايرىم ياشىماقتا. ئۇلارنى بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا ئوخشاش، باشان ۋە گىلئادنىڭ مۇنبەت ئوتلاقلىرىدا ئوتلاتقايسەن.


كېيىن مەن ئۆزۈم ھەر قايسى ئەللەرگە سۈرگۈن قىلىۋەتكەن خەلقىمنىڭ ھايات قالغانلىرىنى يىغىمەن. مەن ئۇلارنى ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپىيىدۇ.


ئۇ قەددىنى رۇسلاپ، پەرۋەردىگارى خۇدانىڭ كۈچى ۋە بۈيۈك نامى بىلەن خەلقىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، خەلق خاتىرجەم ياشايدۇ. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ داڭقى ئالەمنىڭ چېتىگىچە يېتىپ بارىدۇ.


ئەي ئەللەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. بۇ سۆزلەرنى يىراق ئاراللارغا يەتكۈزۈڭلار: «ئىسرائىل خەلقىنى تارقىتىۋەتكۈچى پەرۋەردىگار ئۇلارنى يەنە جەم قىلىدۇ، ئۇلارنى خۇددى پادىلىرىغا قارىغان پادىچىغا ئوخشاش قوغدايدۇ» دەڭلار.


مەن يەھۇدىيە خەلقىنى كۈچلۈك قىلىمەن، ئىسرائىلىيە خەلقىنى قۇتقۇزىمەن، ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. مەن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھېچقاچان رەت قىلىنمىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدادۇرمەن، ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالىمەن.


ئىككى دانە يوللۇق ھېقىق تېپىپ كېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسىملىرى ئويۇلسۇن.


ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ئون ئىككى گۆھەرگە ئون ئىككى قەبىلىنىڭ ئىسمى خۇددى مۆھۈرگە ئويۇلىدىغان نەقىشلەردەك ئويۇلسۇن.


سېنىڭ راۋاقلىرىڭنى قىزىل ياقۇتلاردىن ياساپ چىقىمەن، شەھەر دەرۋازىلىرىڭنى گۆھەرلەردىن ياسايمەن، شەھەر سېپىللىرىڭنى پارقىراق ئېسىل تاشلاردىن قوپۇرۇپ چىقىمەن.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەنكى، مەن ئۆزۈم قويلىرىمنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن.


قويلىرى تارقىلىپ كەتكەن قويچى قويلىرىنى قانداق ئىزدىگەن بولسا، مەنمۇ قويلىرىمنى شۇنداق ئىزدەيمەن. ئۇلار ئاپەتلىك، قاراڭغۇ كۈنلەردە تارقىلىپ كەتكەنىدى. مەن ئۇلارنى تارقىلىپ كەتكەن شۇ يەرلەردىن قۇتقۇزۇپ ئەكېلىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite