12 ئەي ئۈمىدۋار تۇتقۇنلار، ئۆز قورغىنىڭلارغا قايتىڭلار! بۈگۈن شۇنداق جاكارلايمەنكى، يوقاتقىنىڭلارنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ بېرىمەن.
ئايۇپ دوستلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بۇرۇنقى روناق تاپقان چاغلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا بۇرۇنقىغا قارىغاندا بىر ھەسسە ئارتۇق بايلىق ئاتا قىلدى.
خورلۇقىڭلار ئورنىغا ئىككى ھەسسە بەختكە ئېرىشىسىلەر، سىلەر بۇرۇن خورلانغانىدىڭلار، ئەمدى ئۈلۈشىڭلاردىن شادلىنىسىلەر. سىلەر زېمىنىڭلاردا ئىككى ھەسسە ئارتۇق مال-مۈلۈككە ئىگە بولىسىلەر، مەڭگۈلۈك خۇشاللىق سىلەرگە مەنسۇپ بولىدۇ.
خۇدانىڭ بىزگە بەرگەن ۋەدىسى ۋە قەسىمى ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى، خۇدا يالغان سۆزلىمەيدۇ. شۇڭا، خۇدادىن پاناھلىنىۋاتقان بىزلەر ئۇنىڭ ۋەدىسى ۋە قەسىمىدىن كۆپ ئىلھامغا ئېرىشىپ، كۆز ئالدىمىزدىكى ئۈمىدتە ئىشەنچ بىلەن چىڭ تۇرالايمىز.
يەھۇدىيەدىن سۈرگۈن قىلىنغانلار مۇنداق دەيدۇ: ‹پەرۋەردىگار ئادالىتىنى كۆرسىتىپ، بىزگە زور غەلىبە ئېلىپ كەلدى! كېلىڭلار، بېرىپ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى سىئوندا جاكارلايلى!›»
مەن ساڭا دېسەم، كەلگۈسۈڭدىن ئۈمىد بار! پەرزەنتلىرىڭ ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېلىدۇ!
پەرۋەردىگار ياخشىدۇر، ئۇ كۈلپەتلىك كۈنلەردە ئادەملەرگە قورغاندۇر، ئۇ ئۆزىدىن پاناھلىق ئىزدىگەنلەرنى قوغدايدۇ.
ئۈزۈمزارلىقلىرىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىمەن، ‹بالايىئاپەت جىلغىسى›نى ‹ئۈمىد دەرۋازىسى›غا ئايلاندۇرىمەن. ئۇ ياشلىقىدا مىسىردىن چىققان چاغدا، ماڭا ئەگەشكەندەك ئەگىشىدۇ.
يېرۇسالېمغا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىگىن، ئۇلارغا جاكارلىغىن: ‹سىلەرنىڭ ئازابلىق كۈنلىرىڭلار ئاخىرلاشتى، سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىندى. سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە بەرگەن جازاسىنى ئىككى ھەسسە ئارتۇق تارتتىڭلار.›»
پەرۋەردىگار سىئون تېغىدىن نەرە تارتىپ، يېرۇسالېمدىن گۈلدۈرمامىدەك گۈلدۈرلىگەندە، ئاسمان-زېمىن لەرزىگە كېلىدۇ. لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ پاناھگاھى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ قورغىنى بولىدۇ.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل خەلقى بۇ ئۇستىخانلارغا ئوخشايدۇ. ھازىر ئىسرائىللار: «ئۇستىخانلىرىمىز قۇرۇپ، ئۈمىدىمىز ئۆچۈپ، پۈتۈنلەي تۈگەشتۇق» دېيىشىدۇ.
ئەي يېرۇسالېم، سەن خەلقنىڭ كۆزىتىش مۇنارى ۋە قەلئەسىسەن. سېنىڭ سەلتەنىتىڭ ئەسلىگە كېلىپ، يەنە بىر قېتىم پادىشاھلىقنىڭ پايتەختى بولىسەن.»
ئەي يېرۇسالېم، ئۈستبېشىڭدىكى چاڭ-توزاننى قېقىۋەتكىن. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئۆزۈڭنىڭ تەختىگە بېرىپ ئولتۇرغىن. ئەي ئەسىرلىكتە قالغان سىئون خەلقى، بوينۇڭدىكى زەنجىرنى ئۈزۈپ تاشلىغىن.
شۇنداق بىر ۋاقىتلار كېلىدۇكى، ئەفرايىم تاغلىرىدىكى قاراۋۇللار: ‹كېلىڭلار! سىئونغا بېرىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا ئىبادەت قىلايلى!› دەپ جاكارلايدۇ.»
گۆردىكىلەر ساڭا شۈكۈر ئېيتالمايدۇ، ئۆلگەنلەر ساڭا مەدھىيە ئوقۇيالمايدۇ، لەھەتتىكى مۇردا سېنىڭ ساداقىتىڭدىن ئۈمىد كۈتەلمەيدۇ.
سەن ئەسىرلەرگە ‹ئەمدى ئەركىن بولدۇڭلار› دەيسەن، زۇلمەتتە ياشاۋاتقانلارغا ‹نۇرغا چىقىڭلار› دەيسەن. ئۇلار يول بويى يېمەكلىكلەرگە ئېرىشىدۇ، تاقىر تاغلار ئۇلارنىڭ يايلاقلىرىغا ئايلىنىدۇ.
ئاڭلاڭلار! قاچقۇنلار ۋە مۇساپىرلار بابىلدىن سىئونغا كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بابىلدىن ئالغان قىساسى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ. بابىللىقلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋەيران قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردىن قىساس ئالىدۇ.
بۇ ئۈمىد ھاياتىمىزغا نىسبەتەن خۇددى چىڭ ئىلىنغان كېمە لەڭگىرىدەك مۇستەھكەم بولۇپ، ئۇ بىزنى ئەرشتىكى ئىبادەتخانا پەردىسىدىن ئۆتۈپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىشكە يېتەكلەيدۇ.
ئۇلار ئۇ چاغدا قاماقتىكى جىنايەتچىلەرگە ئوخشاش توپلىنىدۇ، ئۇلار زىندانغا سولىنىپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن جازالىنىدۇ.
سەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۈمىدى، قىيىنچىلىق مەزگىللەردە بىزنى قۇتقۇزدۇڭ. لېكىن ھازىر نېمىشقا زېمىنىمىزدا يات ئادەمدەك تۇرىسەن، نېمە ئۈچۈن پەقەت بىر ئاخشاملا قونىدىغان يولۇچىدەك بولۇۋالىسەن؟
ئاندىن مەن دېدىم: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىم ۋە قورغىنىمدۇرسەن، قىيىنچىلىق كۈنلەردىكى پاناھگاھىمسەن! زېمىننىڭ ئەڭ يىراق چېتىدىن كەلگەن خەلقلەر ساڭا كېلىپ: «ئەجدادلىرىمىزنىڭ ساختا ئىلاھلىرى ۋە كېرەكسىز بۇتلىرىدىن باشقا ھېچنېمىسى بولمىغانىدى.
ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۈمىدى. سەندىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى خىجالەتچىلىكتە قالىدۇ. سەندىن يۈز ئۆرۈگەنلەر خۇددى ئىسىملىرى چاڭ-توزانغا يېزىلغاندەك يوقىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقى بولغان سەندىن ۋاز كەچكەندۇر.