Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 9:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 بۇ پەرۋەردىگارنىڭ خادراك زېمىنى ۋە دەمەشق شەھىرىگە قارشى چۈشۈرگەن ۋەھىيسىدۇر. پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ھەم بارلىق ئىسرائىللارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 9:1
22 Referans Kwoze  

بۇ پەرۋەردىگارنىڭ مالاكى پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ۋەھىيسىدۇر.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ قارغىشنى ئەۋەتتىم. ئۇ ئوغرىنىڭ ئۆيىگە ۋە مېنىڭ نامىم بىلەن ساختا قەسەم قىلغانلارنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ. ئاندىن ئۇ شۇ ئۆيلەردە ماكانلىشىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىدۇ، ئۆيلىرىنىڭ بىر دانە تاش، بىر تال ياغىچىمۇ قالمايدۇ.»


مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى، پادىچى شىر ئاغزىدىن قوينى تارتىۋالماقچى بولغىنىدا، ئۇنىڭ قولىدا پەقەت قوينىڭ ئىككى تۇيىقى ياكى قۇلىقىنىڭ بىر پارچىسىلا قالغىنىغا ئوخشاش، دۈشمەن ھۇجۇمىدىن كېيىن سامارىيەدىكى ئىسرائىللارنىڭ قولىدا پەقەت ئورۇن-كۆرپىلىرىنىڭ پارچىلىرىلا قالىدۇ.


ئاندىن مەن دېدىم: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىم ۋە قورغىنىمدۇرسەن، قىيىنچىلىق كۈنلەردىكى پاناھگاھىمسەن! زېمىننىڭ ئەڭ يىراق چېتىدىن كەلگەن خەلقلەر ساڭا كېلىپ: «ئەجدادلىرىمىزنىڭ ساختا ئىلاھلىرى ۋە كېرەكسىز بۇتلىرىدىن باشقا ھېچنېمىسى بولمىغانىدى.


پەرۋەردىگار پۈتكۈل ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا، ئۆزىنىڭ مۇقەددەس، قۇدرەتلىك قولىنى كۆرسىتىدۇ. يەر يۈزىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ھەممە ئادەم خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقىنى كۆرەلەيدۇ.


ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا بابىل توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى:


ئى پەرۋەردىگار، تەلمۈرەر ھەممىسىنىڭ كۆزى ساڭا، بېرىسەن رىزقىنى ئۇلارغا ئۆز ۋاقتىدا.


تىكىمەن دائىم پەرۋەردىگارغا كۆزلىرىمنى، تۇزاقتىن ئۇ تارتىپ ئالار پۇتلىرىمنى.


ئى خۇدايىمىز، سەن ئۇلارنى جازالىمامسەن؟ بىزگە قارشى كېلىۋاتقان غايەت زور بۇ قوشۇننى توسقۇدەك بىزدە كۈچ يوق. بىز نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەي، پەقەت ساڭىلا تەلپۈنمەكتىمىز.


ئۇ ئادەملىرىنى ئۇ يەردە بىرقانچە توپقا بۆلۈپ، كېچىسى ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. ئۇلارنى دەمەشقنىڭ شىمالىدىكى خوباھ دېگەن جايغىچە قوغلاپ بېرىپ، بۇلاپ كېتىلگەن ھەممە مال-مۈلۈكلىرىنى تارتىۋېلىپ، جىيەنى لۇتنى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن بايلىقلىرىنى، ئاياللارنى ۋە باشقا ئەسىرگە چۈشكەن كىشىلەرنى قايتۇرۇپ ئالدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «تىر خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار يېزىلاردىكى پۈتۈن كىشىلەرنى ئىدومغا قۇللۇققا سېتىپ، ئۆزلىرى تۈزگەن ئىتتىپاقداشلىق ئەھدىسىنى بۇزدى.


بۇ نىنەۋى شەھىرى توغرىسىدىكى ۋەھىي بولۇپ، بۇنى ئەلقوشلۇق ناھۇم خاتىرىلەپ قالدۇرغان.


ئۇلۇغ پاراسىتىڭ، چەكسىز قۇدرىتىڭ بىلەن ئىش قىلىسەن. سەن ئادەملەرنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىسەن. ھەركىمنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە ۋە قىلغان ئەمەلىيىتىگە قاراپ ياندۇرىسەن.


قۇرۇلۇشنىڭ باشلىنىشىنى كىچىك ئىش دەپ كۆزگە ئىلمىغانلار ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زىرۇببابەلنىڭ قولىدىكى تامنىڭ تۈزلۈكىنى تەكشۈرىدىغان تانىنى كۆرگەندە خۇشاللىققا چۆمىدۇ. (يەتتە دانە چىراغ پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن زېمىننى كۆزىتىپ تۇرىدىغان يەتتە كۆزىدۇر.)


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite