Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 8:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن خەلقىمنى كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىشتىكى ئەللەردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئەكېلىمەن.

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 8:7
21 Referans Kwoze  

كۈنچىقىشتىن تارتىپ كۈنپېتىشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى خەلقلەر مېنىڭ نامىمنى ئۇلۇغلايدۇ. ھەممە يەردە مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىسرىق سالىدۇ ۋە پاك ھەدىيەلەرنى سۇنىدۇ. مېنىڭ نامىم پۈتكۈل خەلقلەر ئارىسىدا ئۇلۇغلىنىدۇ.


مەن ئۇلارنى شىمالدىكى زېمىنلاردىن، دۇنيانىڭ يىراق جايلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىپ، بىر يەرگە جەم قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قارىغۇ، ئاقساقلار، ھامىلىدار ۋە ئاي كۈنى يېقىنلىشىپ قالغان ئاياللارمۇ بولىدۇ. ناھايىتى كۆپ ئادەملەر بۇ يەرگە قايتىدۇ.


قاراڭلار، ئۇلار يىراق جايلاردىن كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شىمالدىن، بەزىلىرى غەربتىن، يەنە بەزىلىرى مىسىر زېمىنىدىن كېلىشمەكتە.»


كۈن چىقىشتىن كۈن پېتىشقىچە بولغان بارلىق ئىنسان پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ۋە ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى ھۆرمەتلىسۇن. پەرۋەردىگار خۇددى ئۆزى قوغلىۋەتكەن دەھشەتلىك دەريا ئېقىنلىرىدەك ئېتىلىپ كېلىدۇ.


قادىر خۇدا _ پەرۋەردىگار خىتاب قىلدى جاھان ئەھلىگە، مەشرىقتىن-مەغرىبقىچە بولغان پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەرگە.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەنكى، سىلەرنى پۈتۈن گۇناھىڭلاردىن پاكلىغان كۈنى شەھەرلىرىڭلارغا قايتىدىن ئادەم ئولتۇراقلاشتۇرىمەن، خارابىلىككە ئايلانغان شەھەرلەر قايتا قۇرۇلىدۇ.


مەن يەھۇدىيە خەلقىنى كۈچلۈك قىلىمەن، ئىسرائىلىيە خەلقىنى قۇتقۇزىمەن، ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. مەن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھېچقاچان رەت قىلىنمىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدادۇرمەن، ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالىمەن.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئىچ ئاغرىتىپ، سىلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئۇ سىلەرنى ئۆزى سۈرگۈن قىلغان بارلىق ئەللەردىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ.


لېكىن مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمغا بويسۇنۇپ، شۇ بويىچە ياشىساڭلار، دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا چېچىۋېتىلگەن بولساڭلارمۇ، سىلەرنى خەلقىمنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۆزۈم تاللىغان جايغا قايتا يىغىمەن› دېگەنىدىڭ.


ئىگىمىز قايتىدىن قۇرىدۇ يېرۇسالېمنى، ئىسرائىلغا يېڭىدىن يىغىدۇ سۈرگۈن بولغانلارنى.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: ‹مەن سىلەرنى تارقىلىپ كەتكەن ھەرقايسى ئەللەر ۋە جايلاردىن يىغىپ ئەكېلىمەن ۋە سىلەرگە ئىسرائىلىيە زېمىنىنى قايتۇرۇپ بېرىمەن.›»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite