زىكىرىيا 8:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى12 خەلقىم خاتىرجەم ھالدا زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ. ئۈزۈم تاللىرى ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەرگە تولىدۇ. ئاسماندىن شەبنەم چۈشۈپ، زېمىن مول ھوسۇل بېرىدۇ. مەن ئامان قالغان خەلقىمگە بۇ بەختنى ئاتا قىلىمەن. Gade chapit la |
شۇ سەۋەبتىن يامغۇر ياغماي، قۇرغاقچىلىق بولۇپ يېرىڭلار ھوسۇل بەرمىدى. مەن ئېتىز ۋە ئېدىرلىقلىرىڭلاردا قۇرغاقچىلىق بولۇشقا ئەمر قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن زىرائەتلەرگە، ئۈزۈمزارلىقلارغا، زەيتۇنلۇقلارغا، يەنى يەردىن چىقىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە، شۇنداقلا ئادەم ۋە چارۋا ماللارغىمۇ زىيان يەتتى. ئەمگىكىڭلارمۇ بىكارغا كەتتى.»