Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 7:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 بۇرۇن بەيتەللىكلەر سارئەزەر ۋە رەگەم-مەلەكنى ھەم ئۇلارنىڭ ئادەملىرىنى يېرۇسالېمغا پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات سوراشقا ئەۋەتكەنىدى.

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 7:2
11 Referans Kwoze  

بىر شەھەرنىڭ ئاھالىلىرى يەنە بىر شەھەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ‹يۈرۈڭلار، تېز بولۇڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە ئىلتىپات قىلىشىنى تىلەيلى، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلايلى! يۈرۈڭلار، بىز بىرگە بارايلى!› دېيىشىدۇ.


لېكىن يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا ۋە پۈتكۈل خەلق مىكاھنى ئۆلتۈرگەنمۇ؟ ياق! خىزكىيا پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى تىلىگەن. شۇڭا، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىش نىيىتىدىن يانغان. لېكىن بىز بولساق ئۆز بېشىمىزغا تېخىمۇ چوڭ بالا-قازا ئېلىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز.


پادىشاھ پەيغەمبەرگە: _ مەن ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭ خۇداغا دۇئا قىلىپ، قولۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويۇشىنى تىلىسەڭ، _ دەپ يالۋۇردى. پەيغەمبەر پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلغانىدى، پادىشاھنىڭ قولى ئەسلىگە كەلدى.


شۇڭا مەن ئىچىمدە: «ئەمدى فىلىستىيەلىكلەر گىلگالغا كېلىپ، ماڭا ھۇجۇم قىلىدىغان بولدى، مەن تېخى پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىمىگەن تۇرسام» دەپ ئويلاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، _ دېدى.


_ سەن سۈرگۈندىن قايتقان خەلداي، توبىيا ۋە يىدايالار بابىلدىن سوۋغا قىلىپ ئەكەلگەن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، شۇ كۈنىلا زىفانيانىڭ ئوغلى يوشىيانىڭ ئۆيگە بارغىن.


قېدارنىڭ قويلىرى يېنىڭغا توپ-توپ بولۇپ يىغىلىدۇ، نىبايوتنىڭ قوچقارلىرى قۇربانلىق قىلىشقا تاپشۇرۇلىدۇ، مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامدا قىلغان قۇربانلىقىڭ قوبۇل بولىدۇ، مەن شەرەپلىك ئىبادەتخانامنى چوقۇم شەرەپلىك قىلىمەن.


شۇنداق بولغاندا، ئۇلار ئەرشئەلادىكى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ، خۇدانىڭ ماڭا ۋە ئوغۇللىرىمغا بەخت ئاتا قىلىشىغا دۇئا قىلالايدۇ.


لېكىن مۇسا پەرۋەردىگارى بولغان خۇداغا مۇنداق دېدى: _ ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭگە نېمىشقا بۇنداق غەزەپلىنىسەن؟ ئۇلارنى سەن يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقمىغانمىدىڭ؟


بەيتەل ۋە ئايلىقلاردىن 223 كىشى،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite