5 پەرىشتە ماڭا مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ئۇلار پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىگىسىنىڭ ھۇزۇرىدىن تۆت تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقان ساماۋى شاماللار.
ئۇنىڭدىن كېيىن، يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا تۇرغان تۆت پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇلار قۇرۇقلۇق، دېڭىز ھەم دەل-دەرەخلەرنى بوران ئۇرماسلىقى ئۈچۈن، يەر يۈزىنىڭ تۆت تەرىپىدىن كېلىدىغان بوراننى تىزگىنلەپ تۇراتتى.
شۇنداق ئىكەن، پۈتكۈل پەرىشتىلەر پەقەت خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرىدۇر. ئۇلار قۇتقۇزۇلىدىغانلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن روھلاردۇر.
خۇدا پەرىشتىلەر ھەققىدە: «خۇدا خىزمەتكارلىرى بولغان ئۆز پەرىشتىلىرىنى شامال ھەم ئوت يالقۇنى قىلار» دېگەن بولسا،
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، سەن شامالغا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي شامال، تۆت تەرەپتىن ئەسكىن، ئۆلتۈرۈلگەن ئادەملەرگە نەپەس پۈۋلەپ، ئۇلارنى تىرىلدۈرگىن.»
ئۇ پەرىشتىلىرىنى جاراڭلىق بىر كاناي ساداسى بىلەن ئەۋەتىپ، ئۇلار ئارقىلىق ئۆزى تاللىغان كىشىلەرنى ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە، دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.
ئۇ ماڭا: _ بۇ ئىككى شاخ پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىگىسى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن تاللىغان ئىككى كىشىنىڭ بېشارىتىدۇر، _ دېدى.
ئوت ئۇنىڭ ھۇزۇرىدىن كەلكۈندەك يوپۇرۇلۇپ چىقاتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا مىڭلىغانلار خىزمەت قىلاتتى، ئالدىدا سان-ساناقسىزلار كۈتۈپ تۇراتتى. سوئال-سوراق باشلىنىپ، پۈتۈكلەر ئېچىلدى.
چۈنكى مەن سېنىڭ ياراتقۇچۇڭ، سېنىڭ ئېرىڭدۇرمەن، مېنىڭ نامىم: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار›دۇر. مەن ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا سېنىڭ قوغدىغۇچىڭدۇرمەن. مەن ‹پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ خۇداسى› دەپ ئاتىلىمەن.
خۇدانىڭ جەڭ ھارۋىلىرى نۇرغۇن، سان-ساناقسىز، سىناي تېغىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا كىرەر ئىگىمىز.
بىر كۈنى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا يىغىلدى، شەيتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى.
مىكايا يەنە مۇنداق دېدى: _ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغايلا! مەن پەرۋەردىگارنىڭ تەختىدە ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم. پۈتكۈل ساماۋى جامائەت ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇراتتى.
پەرىشتە: - مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى جەبرائىل بولىمەن. مېنى خۇدا ساڭا بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى.
- بۇ سەبىيلەرنىڭ ھەرقانداق بىرىگىمۇ سەل قاراشتىن ساقلىنىڭلار. شۇنى ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرى ئەرشتىكى ئاتام خۇدانىڭ جامالىنى ھەر دائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ.
قۇرۇلۇشنىڭ باشلىنىشىنى كىچىك ئىش دەپ كۆزگە ئىلمىغانلار ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زىرۇببابەلنىڭ قولىدىكى تامنىڭ تۈزلۈكىنى تەكشۈرىدىغان تانىنى كۆرگەندە خۇشاللىققا چۆمىدۇ. (يەتتە دانە چىراغ پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن زېمىننى كۆزىتىپ تۇرىدىغان يەتتە كۆزىدۇر.)
كېرۇبلار قاناتلىرىنى قېقىپ كۆتۈرۈلدى، چاقلارمۇ تەڭ كۆتۈرۈلدى. ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى بار ئىدى.
مەدھىيەلەڭلار خۇدانى قار ۋە مۆلدۈر، چاقماق بىلەن تۇمانلار، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنغان ئەي كۈچلۈك بورانلار.
پەرۋەردىگار: _ سەن غاردىن چىقىپ، تاغدا ھۇزۇرۇمدا تۇرغىن، مەن يېنىڭدىن ئۆتىمەن، _ دېدى. شۇ ئەسنادا قاتتىق بوران تاغلارنى يېرىپ، قورام تاشلارنى پارچىلىۋەتتى، لېكىن پەرۋەردىگار بوران بىلەن كەلمىدى. بوران ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، يەر تەۋرىدى. لېكىن پەرۋەردىگار يەر تەۋرەش بىلەنمۇ كەلمىدى.
قاراڭلار، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىگىسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى سىلەردىن بۇرۇن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مەن ئېلامنى تۆت تەرەپتىن بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىتىپ، ئۇ ئەلنى ھەرقايسى جايلارغا تارقىتىۋېتىمەن. ئېلام مۇساپىرلىرىنىڭ بارمىغان يەرلىرى قالمايدۇ.
ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەڭ قۇدرەت تاپقاندا، پادىشاھلىق تۆتكە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. تەختىگە ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ تەختى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىنىپ، باشقىلارغا بېرىلىدۇ. لېكىن پادىشاھلىقلار ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتتىكىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ.
ئاندىن مەن يەنە نەزەر سېلىپ، تۆت جەڭ ھارۋىسىنىڭ ئىككى تاغ ئارىسىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ تاغلار تۇچتىن ئىدى.