8 پەرىشتە: _ بۇ ئايالنىڭ ئىسمى «رەزىللىك»تۇر، _ دېدى. ئاندىن چىقىشقا ئۇرۇنغان ئايالنى ئىدىشنىڭ ئىچىگە قايتىدىن تىقىپ، قاپقاقنى يېپىۋەتتى.
شۇنداق ئىكەن، ئەجدادلىرىڭلار باشلاپ بەرگەن ئىشنى ئادا قىلىڭلار!
ئاندىن ئىدىش ئۈستىدىكى قوغۇشۇن قاپقاق ئېلىۋېتىلدى. ئىچىدە بىر ئايال ئولتۇراتتى.
ناتوغرا تارازا ۋە ساختا تارازا تاشلىرىنى قوللانغان كىشىلەرنى بوش قويۇۋېتەرمەنمۇ؟
بويۇنتۇرۇققا ئايلاندى گۇناھلىرىم، ئۇنى ئۆزى ياسىدى پەرۋەردىگارىم. بوينۇمغا ئېسىپ بويۇنتۇرۇقنى، قويمىدى مېنىڭ ھالىمنى. ئىگىمىز تاپشۇردى مېنى دۈشمەن قولىغا، مەن تاقابىل تۇرالمايمەن ئۇلارغا.
چۈشۈرىدۇ ياماننىڭ قىلمىشلىرى ئۆزىنى تۇزاققا. ئىلىنىدۇ ئۇ ئۆز گۇناھى بىلەن سىرتماققا.
غەرق بولدۇم گۇناھلىرىم كەلكۈنىگە، سالمىقىدىن گۇناھىمنىڭ پاتتىم يەرگە.
سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بۇ يەرگە كەلگۈچە، ئۇ يەردە تۆت ئەۋلاد ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغىچە بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئامورلارنىڭ گۇناھى چېكىگە يەتمەيدۇ.
ئىسرائىلىيە خەلقى سەمىمىيەتسىز سودىگەرگە ئوخشايدۇ، ئۇلار قولىدىكى ساختا تارازا بىلەن باشقىلارنى ئالداشنى ياخشى كۆرىدۇ.
سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارغا: «يېڭى ئاي بايرىمى ئۆتۈپ كەتسىلا، ئاشلىقلىرىمىزنى ساتالايتتۇق. دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ كەتسىلا، بۇغداي ئامبارلىرىمىزنى ئاچالايتتۇق. كەمچىنىمىزنى كىچىكلىتىپ، باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، ساختا تارازا بىلەن ئالدامچىلىق قىلالايتتۇق.