Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 5:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 _ ئۇ نېمە؟ _ دەپ قايتۇرۇپ سورىدىم. ئۇ: _ ئۇ بىر ئۆلچەم ئىدىشىدۇر. ئۇنىڭغا زېمىندىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى قاچىلانغاندۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى.

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 5:6
8 Referans Kwoze  

سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارغا: «يېڭى ئاي بايرىمى ئۆتۈپ كەتسىلا، ئاشلىقلىرىمىزنى ساتالايتتۇق. دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ كەتسىلا، بۇغداي ئامبارلىرىمىزنى ئاچالايتتۇق. كەمچىنىمىزنى كىچىكلىتىپ، باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، ساختا تارازا بىلەن ئالدامچىلىق قىلالايتتۇق.


تارازاڭلار، تارازا تېشىڭلار، كۈرە ۋە كەمچىنىڭلار توغرا بولسۇن. مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.


ئاندىن ئىدىش ئۈستىدىكى قوغۇشۇن قاپقاق ئېلىۋېتىلدى. ئىچىدە بىر ئايال ئولتۇراتتى.


يوقسۇللارغا زۇلۇم سېلىپ، نامراتلارنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنلانغانلار قۇلاق سېلىڭلار.


كەمبەغەللەرنى ئەرزىمەس كۈمۈشكە، موھتاجلارنى بىر جۈپ چورۇققا سېتىۋالالايتتۇق. ئاشلىقلارنى توپانغا ئارىلاشتۇرۇپ ساتالايتتۇق» دەيسىلەر.


مەن رەزىللەرنىڭ ئۆيىدىكى ھارام بايلىقلارغا يەنە كۆز يۇمارمەنمۇ؟ ئۇلارنىڭ ساختا گىر تاشلىرى لەنەتلەنگەندۇر.


ئۇ كۈنى بۇتپەرەسلەرنىڭ ئادەتلىرىگە ئوخشاش بوسۇغا دەسسىمەيدىغانلارنى ۋە خوجايىنلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە زوراۋانلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلغانلارنى جازالايمەن.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite