2 پەرىشتە مەندىن: _ نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ ئۇچۇۋاتقان بىر يازمىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون مېتىر، كەڭلىكى بەش مېتىر كېلىدىكەن، _ دەپ جاۋاب بەردىم.
ئۇ مەندىن: _ نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ مەن ساپ ئالتۇندىن ياسالغان بىر چىراغداننى كۆردۈم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قاچا قويۇلغان بولۇپ، قاچىنىڭ گىرۋەكلىرىدە يەتتە دانە چىراغ، ھەر بىر چىراغدا يەتتە تالدىن پىلىك بار ئىدى.
پەرۋەردىگارنىڭ چوڭ سوراق كۈنىنىڭ كېلىشىگە ئاز قالدى، ئاز قالدى، ئۇ كۈن ناھايىتى تېزلا كېلىدۇ! ئۇ كۈلپەتلىك بىر كۈندۇر! ئۇ چاغدا ئەڭ باتۇر ئەزىمەتمۇ پەرياد قىلىدۇ!
ئۇ مەندىن: _ ئاموس، سەن نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ تامنىڭ تۈزلۈكىنى تەكشۈرىدىغان تانىنى كۆردۈم، _ دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ: _ مەن ئەمدى ئىسرائىل خەلقىمنىڭ تۇتقان يولىنىڭ ئەگرى، تۈزلۈكىنى مۇشۇ تانا بىلەن تەكشۈرىمەن. مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ تۇرالمايمەن.
چۈنكى، پەلەككە يەتتى ئۇنىڭ قاتمۇقات گۇناھلىرى، خۇدانىڭ يادىغا يەتتى ئۇنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى.
ئۇلار ئاچكۆز بولغاچقا، ئويدۇرما سۆزلەر بىلەن مال-مۈلكۈڭلارنى تالان-تاراج قىلىدۇ. خۇدانىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جازاسى بۇرۇندىن تەيياردۇر، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.
_ سەن تېرە پارچىلىرىدىن ئېلىپ، ئۇنىڭغا يوشىيا پادىشاھ بولغان چاغدىن تارتىپ تاكى ھازىرغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى ئىسرائىلىيە، يەھۇدىيە، شۇنداقلا باشقا بارلىق ئەللەر توغرىسىدا ساڭا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى يېزىپ چىققىن.