Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 5:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئۇ ماڭا: _ ئۇنى بابىلغا ئېلىپ بارىدۇ. بابىللىقلار بۇ ئىدىش ئۈچۈن بىر سەجدىگاھ سالىدۇ. سەجدىگاھ پۈتكەندىن كېيىن، ئۇنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياسالغان سۇپىغا قويۇشىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 5:11
10 Referans Kwoze  

ئۇلار شەرققە قاراپ يۆتكىلىپ، بابىلدىكى بىر تۈزلەڭلىككە كېلىپ جايلاشتى.


ئىگىمىز خۇدا نىبۇكادنەزەرنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمنى تۇتقۇن قىلىشىغا ۋە ئىبادەتخانىدىكى بىر قىسىم مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ كېتىشىگە يول قويدى. نىبۇكادنەزەر بۇ بۇيۇملارنى بابىلدىكى ئۆز ئىلاھى ئۈچۈن ياسالغان ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە ئەكىرىپ قويدى.


بابىل پادىشاھلىقىنىڭ زېمىنىدا بابىل، ئەرەك، ئاككاد، كالنېھ دېگەن شەھەرلەر بار ئىدى.


شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قولىنى ئىككىنچى قېتىم كۆتۈرۈپ، قېلىپ قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم خەلقنى قۇتقۇزىدۇ، يەنى ئۇلارنى ئاسسۇرىيەدىن، مىسىردىن، پاتروستىن، ئېفىيوپىيەدىن، ئېلامدىن، بابىلدىن، خاماتتىن ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ.


شۇ كۈنلەردە بابىل پادىشاھى ئامرافەل، ئەللاسار پادىشاھى ئاريوك، ئېلام پادىشاھى كىدورلاۋمەر، گويىم پادىشاھى تىدئال قاتارلىق تۆت پادىشاھ بىرلىشىپ،


ئۇ بابىلدا ياشاۋاتقان بىزلەرگە خەت ئەۋەتىپ، بىزنىڭ بۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قېلىشىمىزنى، ئۆي سېلىپ، ماكانلىشىپ، كۆكتاتلىق بەرپا قىلىشىمىزنى ۋە ھوسۇل ئېلىپ يېيىشىمىزنى ئېيتتى.›»


قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ ياكى تۇتقۇن قىلىنىپ، چەت دۆلەتلەرگە ھەيدىلىدۇ. خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقتى توشقۇچە، ئۇلار يېرۇسالېمنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ.


شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىسرائىلىيە خەلقىمۇ بىر مەزگىل پادىشاھسىز ۋە يېتەكچىسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىقىمۇ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىمۇ، روھانىيلىق پەرتۇقىمۇ ۋە ئۆيلىرىدىكى بۇتلىرىمۇ يوق بولىدۇ.


بولمىسا ئۇ سىلەرنى ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئېغىر ئاپەتلەر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئېغىر كېسەللەرگە دۇچار قىلىدۇ.


مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: _ ئۇلار ئىدىشنى نەگە ئاپىرىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite