5 ئۇ: _ بۇلارنىڭ نېمىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ _ دەپ ياندۇرۇپ سورىدى. مەن: _ ياق تەقسىر، _ دەپ جاۋاب بەردىم.
ئۇ مەندىن: _ بۇلارنىڭ نېمىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ ياق تەقسىر، _ دەپ جاۋاب بەردىم.
ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - سىلەر مۇشۇ تەمسىلنىمۇ چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ ئۇنداقتا، باشقا تەمسىللەرنى قانداقمۇ چۈشىنىسىلەر؟
مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان بىر پەرىشتە بار ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن: _ تەقسىر، بۇلار كىم بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ: _ ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ساڭا كۆرسىتىپ قويىمەن، _ دېدى.
بۇ سىرنىڭ ماڭا ئاشكارا قىلىنغانلىقى مېنىڭ دانالىقىمنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلى كۆرگەن بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى بىلىشلىرى ئۈچۈندۇر.
قۇدرىتىڭ ئەقلىمنى لال قىلار شۇنچە، ئەقلىم يەتمەس بۇ سىرلارنى بىلىشكە.
يۈسۈپ: _ ئالىيلىرى، مەن شەخسەن ئۆزۈم چۈشكە تەبىر بېرەلمەيمەن. لېكىن خۇدا ئۆزلىرىگە ياخشى تەبىر بېرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.
مەن بىلەن سۆزلەشكەن ئاشۇ پەرىشتە قايتىپ كېلىپ، خۇددى مۈگدەپ قالغان ئادەمنى نوقۇپ سەگەكلەشتۈرگەندەك، مېنى نوقۇپ سەگەكلەشتۈردى.
مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: _ تەقسىر، بۇلار نېمىنىڭ بېشارىتى؟ _ دەپ سورىدىم.