Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 4:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئۇ مەندىن: _ نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ مەن ساپ ئالتۇندىن ياسالغان بىر چىراغداننى كۆردۈم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قاچا قويۇلغان بولۇپ، قاچىنىڭ گىرۋەكلىرىدە يەتتە دانە چىراغ، ھەر بىر چىراغدا يەتتە تالدىن پىلىك بار ئىدى.

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 4:2
19 Referans Kwoze  

تەختتىن چاقماقلار چېقىپ، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. تەختنىڭ ئالدىدا يالقۇنلاپ تۇرغان يەتتە مەشئەل بار ئىدى. بۇلار خۇدانىڭ يەتتە روھى ئىدى.


ماڭا سۆزلىگۈچىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەينىمگە بۇرۇلدۇم. بۇرۇلغىنىمدا، كۆزۈمگە يەتتە ئالتۇن چىراغدان


پەرىشتە مەندىن: _ نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ ئۇچۇۋاتقان بىر يازمىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون مېتىر، كەڭلىكى بەش مېتىر كېلىدىكەن، _ دەپ جاۋاب بەردىم.


ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى يەنە بارلىق ئالتۇن ۋە كۈمۈش داسلارنى، چوغدانلارنى، قۇربانلىقنىڭ قېنىنى چاچىدىغان داسلارنى، كۈل قاچىلىرىنى، چىراغدانلارنى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قاچا-قۇچىلارنى ئېلىپ كەتتى.


يەتتە ئالتۇن چىراغدان ۋە سەن ئوڭ قولۇمدا كۆرگەن يەتتە يۇلتۇزنىڭ سىرىغا كەلسەك، يەتتە يۇلتۇز يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىلىرى. يەتتە چىراغدان بولسا يەتتە جامائەتچىلىكتۇر.


ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، خۇشبۇي ئىسرىق سېلىپ، نانلارنى پاكلانغان شىرەگە دەستىلەپ قويۇپ، ھەر كۈنى كەچتە ئالتۇن چىراغداننىڭ چىراغلىرىنى ياندۇرۇۋاتىدۇ. بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىۋاتىمىز، لېكىن سىلەر خۇدادىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار.


سۇلايمان يەنە بېكىتىلگەن لايىھەگە ئاساسەن ئون دانە ئالتۇن چىراغدان ياسىتىپ، ئۇنىڭ بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرى خانىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە، بەشىنى شىمالىي تەرىپىگە قويغۇزدى.


يەنى ئالتۇن چىراغ، ئالتۇن چىراغدانلار، كۈمۈش چىراغ، كۈمۈش چىراغدانلار،


كۈمۈش زەنجىر ئۈزۈلىدۇ، ئالتۇن قاچا يېرىلىدۇ، كوزا بۇلاق بېشىدا چېقىلىدۇ، قۇدۇقتىن سۇ ئالىدىغان چىغرىق ئۈزۈلىدۇ.


پەرۋەردىگار ماڭا: _ ئەي يەرەمىيا، نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ ئەنجۈر كۆردۈم. ياخشىلىرى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، لېكىن ناچارلىرى ناچارلىقىدىن يېگىلىمۇ بولمايدىكەن، _ دەپ جاۋاب بەردىم.


ئۇ مەندىن: _ ئاموس، سەن نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ تامنىڭ تۈزلۈكىنى تەكشۈرىدىغان تانىنى كۆردۈم، _ دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ: _ مەن ئەمدى ئىسرائىل خەلقىمنىڭ تۇتقان يولىنىڭ ئەگرى، تۈزلۈكىنى مۇشۇ تانا بىلەن تەكشۈرىمەن. مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ تۇرالمايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite