زىكىرىيا 4:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى14 ئۇ ماڭا: _ بۇ ئىككى شاخ پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىگىسى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن تاللىغان ئىككى كىشىنىڭ بېشارىتىدۇر، _ دېدى. Gade chapit la |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي سىئون خەلقى، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، دۈشمىنىڭلارنى يانجىڭلار! سىلەرگە تۆمۈر مۈڭگۈز، تۇچ تۇياق ئاتا قىلىمەن، سىلەر نۇرغۇن ئەللەرنى يانجىپ، ۋەيران قىلىسىلەر. ئۇلارنىڭ بايلىقىنى، يەنى ناتوغرا يول بىلەن توپلىغان بايلىقىنى مەن پەرۋەردىگارغا، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسىگە ھەدىيە قىلىسىلەر.»
ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللىقلاردىن تۇيۇقسىز چىقىپ، ئوتلاقتىكى قويلارنى قوغلىغان شىرغا ئوخشاش، ئىدوملۇقلارنى زېمىنىدىن تۇيۇقسىز قوغلاپ چىقىرىمەن. ئۆزۈم تاللىغان بىر ئادەمنى ئۇ خەلققە ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلەيمەن. ماڭا ئوخشايدىغان كىم بار؟ كىم مەن بىلەن بەسلىشەلىسۇن؟ قايسى يېتەكچى ماڭا قارشى تۇرالىسۇن؟