6 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يوشۇۋاغا كەسكىن قىلىپ، مۇنداق دېدى:
ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا باش روھانىي يوشۇۋانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرسەتتى. شەيتان يوشۇۋانىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىۋاتاتتى.
ئۇ پەرىشتە بىلەن چېلىشىپ، ئۇنىڭدىن ئۈستۈن كەلدى. كېيىن ئۇ يىغلاپ، پەرىشتىدىن بەخت تىلىدى. ئۇ بەيتەلدە خۇدا بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ يەردە خۇدا ھەممىمىز بىلەن پاراڭلاشتى.
چۈنكى مەن ئەجدادلىرىڭلارنى ماڭا ئىتائەت قىلىشقا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردۇم. مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇردۇم.
ئۇلار ئازاب چەككەندە، ئۇمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ ئازاب چەكتى، ئۆز پەرىشتىسىنى ئۇلارنى قوغداشقا ئەۋەتتى. ئۇ مۇھەببىتى ۋە ئىچ ئاغرىتىشى بىلەن ئۇلارنى قوغدىدى. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ئۇلارنى كۆتۈرۈپ ماڭغانىدى.
مەن ئېغىز ئېچىپ: _ ئۇلار يەنە يوشۇۋانىڭ بېشىغا پاكىز سەللە ئوراپ قويسۇن، _ دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يوشۇۋانىڭ بېشىغا پاكىز سەللە يۆگىدى، ئۇچىسىغا يېڭى كىيىملەرنى كىيدۈردى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭ يېنىدا تۇراتتى.
_ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سەن مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، مەن ساڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلساڭ، ئىبادەتخانامنى ۋە ئۇنىڭ ھويلىلىرىنى باشقۇرىسەن. سېنىڭ بۇ يەردە تۇرغان پەرىشتىلەرنىڭ ئارىسىدا بولۇشۇڭغا ئىجازەت بېرىمەن.