Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 3:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 بۇ چاغدا پەرۋەردىگار شەيتانغا: _ ئەي شەيتان، سېنىڭ شىكايىتىڭنى رەت قىلىمەن! مەن، يەنى يېرۇسالېمنى تاللىغان پەرۋەردىگار سېنىڭ شىكايىتىڭنى رەت قىلىمەن! بۇ ئادەم خۇددى ئوتتىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان چۇچىلىغا ئوخشىمامدۇ؟ _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 3:2
22 Referans Kwoze  

مەن خۇددى سودوم بىلەن گومورانى ۋەيران قىلغاندەك، سىلەرنىمۇ ۋەيران قىلدىم. سىلەر خۇددى ئوتتىن تارتىۋېتىلگەن چۇچىلىغا ئوخشاپ قالدىڭلار. لېكىن سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


بەزى كىشىلەرنى خۇددى ئوتتىن قۇتۇلدۇرغاندەك، خۇدانىڭ جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار. يەنە بەزىلەرگە رەھىم قىلىڭلار. بىراق، سىلەر خۇددى بىر ئادەمنىڭ بۇلغانغان كىيىمىدىن يىرگەنگەندەك، ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرىدىن ھەم يىرگىنىڭلار.


ھەتتا باش پەرىشتە مىكائىلمۇ مۇسانىڭ جەسىتى توغرىسىدا شەيتان بىلەن تالاش-تارتىش قىلغاندا، ئۇنى ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەشكە پېتىنالمىغان، پەقەت «سېنى پەرۋەردىگار ئەيىبلىسۇن» دەپلا قويغان.


كىممۇ خۇدانىڭ تاللىغان بەندىلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلالىسۇن؟ ھېچكىم! چۈنكى، بىز خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان.


سەن يەنە مۇنداق جاكارلىغىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مېنىڭ شەھەرلىرىم قايتا گۈللىنىدۇ. مەن سىئونغا تەسەللى بېرىپ، يېرۇسالېمنى قايتىدىن تاللايمەن.›»


مەن يەھۇدىيەنى مۇقەددەس زېمىندىكى مۈلكۈم قىلىمەن ۋە يېرۇسالېمنى قايتىدىن ‹مېنىڭ شەھىرىم› قىلىپ تاللايمەن.


لېكىن، گۇناھ سادىر قىلىۋېرىدىغان كىشى شەيتانغا مەنسۇپتۇر. چۈنكى، شەيتان ئەلمىساقتىن تارتىپ گۇناھ سادىر قىلىپ كەلمەكتە. خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشتىكى مەقسىتى شەيتاننىڭ قىلمىشلىرىنى يوقىتىشتۇر.


ئامانلىق بەرگۈچى خۇدا ئۇزۇن ئۆتمەي شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا ئېزىدۇ. رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي.


«سىلەر گۇناھلىرىڭلاردىن پاك» دېگەن سۆزۈم ھەممىڭلارغا قارىتىلغان ئەمەس. مەن تاللىغانلىرىمنى بىلىمەن، لېكىن مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن ئېيتىلغان: «مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ، نېنىمنى يېگەن دوستۇم مەندىن يۈز ئۆرۈدى!» دېگەن بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەك.


لېكىن، ماڭا بولغان ئېتىقادىڭ يوقالمىسۇن دەپ، ساڭا دۇئا قىلدىم. شەيتانغا سىنىلىپ، يولۇمغا قايتقاندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملە.


بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىكى جىنغا بۇيرۇق قىلىپ: - ئاغزىڭنى يۇم، بۇ ئادەمنىڭ تېنىدىن چىق! - دېدى. جىن ھېلىقى ئادەمنى كىشىلەر ئالدىدىلا يىقىتىۋېتىپ، ئۇنى ھېچنېمە قىلماي تېنىدىن چىقىپ كەتتى.


پەرىشتە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: _ ئۇ چاغدا خەلقىڭنى قوغدىغۇچى باش پەرىشتە مىكائىل مەيدانغا چىقىدۇ. ئاندىن خەلقىڭ ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان ئاپەتلىك بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. لېكىن خەلقىڭنىڭ ئىچىدىكى نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ.


چۈنكى ئۇ تۇرار موھتاجلارنىڭ ئوڭ يېنىدا، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلغانلاردىن قۇتقۇزۇشقا.


دىۋە ۋە پادىشاھلار بىرلىشىپ قوزىغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. قوزا غەلىبە قىلىدۇ، چۈنكى قوزا رەبلەرنىڭ رەببى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتىكىلەر چاقىرىلغان، تاللانغان ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغانلاردۇر.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى سۆزلىتىۋاتقان جىنغا بۇيرۇق قىلىپ: - ئاغزىڭنى يۇم، بۇ ئادەمنىڭ تېنىدىن چىق! - دېدى.


ئەمدى خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن يېرۇسالېمنى، خەلقىمنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنى تاللىدىم» دېگەنىدى.


بالا كېلىۋاتقاندا، جىن ئۇنى يەرگە يىقىتىپ، پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇرۇۋەتتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا جىننى ھەيدىۋېتىپ، بالىنى ساقايتتى ۋە ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.


ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنىڭ يۈگۈرۈشۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، جىننى ئەيىبلەپ: - ئەي ئادەملەرنى گاس ۋە گاچا قىلىدىغان جىن! بۇيرۇق قىلىمەنكى، بالىنىڭ تېنىدىن چىق، ئىككىنچى كىرگۈچى بولما! - دېدى.


ئۇنىڭغا ئېيتقىن: «ئېھتىيات قىل، جىددىيلەشمە ۋە قورقما. سۈرىيە پادىشاھى رىزىن ۋە رىماليانىڭ ئوغلىنىڭ غەزىپىدىن بوشاپ كەتمە. ئۇلار خۇددى ئوتى ئۆچكەن ئوتۇننىڭ ئىسىدۇر.


ئۇ ئاتامغا: «مەن خەلقىمنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن بۇيان خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئىبادەتخانا سېلىشقا ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە قاراشلىق شەھەرلەردىن ھېچقايسىسىنى تاللىمىغانىدىم. خەلقىم ئىسرائىللار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئادەمنىمۇ تاللىمىغانىدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite