Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 2:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 پەرۋەردىگار: «كۆرۈپ تۇرۇڭلار، مەن بۇ ئەللەرگە قارشى مۇشتۇمنى كۆتۈرىمەن. ئۇلارنىڭ قۇللىرى ئۆزلىرىنى تالان-تاراج قىلىدۇ» دەيدۇ. شۇ چاغدا سىلەر قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر.

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 2:9
30 Referans Kwoze  

ئۇ چاغدا مىسىرلىقلارنىڭ قىلىقى ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئاتقان مۇشتۇمىنىڭ زەربىسىدە قورقۇشۇپ تىترەپ كېتىدۇ.


يىراقتىن كىشىلەر كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇ چاغدا سىلەر مەن زىكىرىيانى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر. ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا تولۇق ئىتائەت قىلساڭلار، بۇ ئىشلار چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.


_ زىرۇببابەل ئۆز قولى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى قويدى، ئۇنىڭ قولى بۇ قۇرۇلۇشنى چوقۇم تاماملايدۇ. شۇندىلا ئۇ مەن، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سېنى خەلققە ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىپ قالىدۇ.


ئۇلارنىڭ ئوتۇن تېرىشىنىڭ، ئورمانلاردىن ئوتۇن كېسىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، قوراللار ئۇلارغا ئوتۇندۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنى بۇلىغانلارنى بۇلايدۇ، تالىغانلارنى تالايدۇ. بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئۇ خەلقلەر ئىسرائىللارنى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆز زېمىنىغا باشلاپ كېلىدۇ. ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا ياشاش ئۈچۈن كەلگەن بۇ خەلقلەر ئىسرائىللارغا خىزمەت قىلىدۇ. ئىسرائىللار بۇرۇن ئۆزلىرىنى ئەسىر قىلغانلارنى ئەسىر قىلىدۇ، ئۆزلىرىنى ئەزگەنلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.


پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ دېڭىز قولتۇقىنى پۈتۈنلەي قۇرۇتىۋېتىدۇ، ئۇ فىرات دەرياسىدا ئىسسىق شامال چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ قۇرۇقلۇققا ئۆتۈشى ئۈچۈن ئۇنى يەتتە تارماق ئېقىنغا ئايرىۋېتىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتىمەنكى، ئۇلار سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغاندا، مېنىڭ ئاگاھلاندۇرغانلىقىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار. - مەن دەسلەپتە بۇلارنى سىلەرگە ئېيتمىدىم، چۈنكى سىلەر بىلەن بىللە ئىدىم.


سىلەرگە بۇ ئىش يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال ئېيتىپ قويايكى، ئۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېنىڭ «مەڭگۈ بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىسىلەر.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئايان بولۇشى ئۈچۈن سىلەرنى تالان-تاراج قىلغان ئەللەرگە قارشى مېنى ئەۋەتتى. سىلەرگە چېقىلغانلىق خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ كۆز قارىچۇقىغا چېقىلغانلىقتۇر.


سىلەر لىۋان ئورمانلىقلىرىنى كېسىپ تاشلىغان بولساڭلار، ئەمدى ئۆزۈڭلارمۇ شۇنداق كېسىپ تاشلىنىسىلەر! سىلەر ياۋايى ھايۋانلارنى قىردىڭلار، ئەمدى ياۋايى ھايۋانلارنى سىلەرنى دەھشەتكە سالىدۇ! چۈنكى سىلەر كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، زېمىن ۋە شەھەرلىرىنى پۇقرالىرى بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلدىڭلار.


چۈنكى سىلەر نۇرغۇن ئەللەرنى تالان-تاراج قىلدىڭلار. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھايات قالغانلىرى ئەمدى سىلەرنىمۇ تالان-تاراج قىلىدۇ. چۈنكى سىلەر ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، زېمىن ۋە شەھەرلىرىنى پۇقرالىرى بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلدىڭلار.


ئەگەر بىر پەيغەمبەر تىنچلىق توغرىسىدا ۋەھىي يەتكۈزسە، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلىنىشى كېرەك. شۇندىلا بىز ئۇنىڭ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئەۋەتكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.


كېيىن نۇرغۇن ئەللەر ۋە كۈچلۈك پادىشاھلار بابىلنى بويسۇندۇرىدۇ. لېكىن بۇ ۋاقىت كەلگۈچە، بارلىق ئەللەر بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرگە، ئوغلىغا ۋە نەۋرىسىگە خىزمەت قىلىدۇ.


ھازىر سىلەرنىڭ ئارغامچىلىرىڭلار يېشىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، كېمەڭلارنىڭ يەلكەن خادىسى مۇستەھكەم بولمىسىمۇ، يەلكىنىڭلار ئېچىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ۋاقتى كەلگەندە، سىلەر نۇرغۇن ئولجا ئالىسىلەر، ھەتتا ئاقساق-چۇلاقلارمۇ ئولجا ئالالايدۇ.


ئەي، باشقىلارنى ۋەيران قىلىپ، ئۆزى ۋەيران قىلىنمىغانلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! ئەي ئالدامچىلار، ئۆزى ئالدام خالتىغا چۈشمىگەنلەر، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر ۋەيران قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ۋەيران بولىسىلەر. سىلەر ئالدامچىلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ئالدىنىسىلەر.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن تاقىر تاغدا تۇغ تىكلەڭلەر، قوللىرىڭلارنى پۇلاڭلىتىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇلارغا چاقىرىق قىلىڭلار. ئۇلار شاھزادىلەرنىڭ ئوردا دەرۋازىلىرىغا ھۇجۇم قىلسۇن!


بۈگۈن ئاسسۇرلار نوب شەھىرىدە توختايدۇ، ئۇلار يېرۇسالېمدىكى، يەنى سىئون تېغىدىكى خەلققە مۇشت كۆتۈرىدۇ.


ھەممىڭلار يېنىمغا كېلىپ، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار، مەن ئەزەلدىنلا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتىپ كەلدىم. مەن باشتىن ئاخىر بۇ ئىشلارنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ كەلدىم.» مانا ئەمدى ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا ئۆز روھىنى ئاتا قىلىپ، مېنى ئەۋەتتى.


ئۇ كۈنلەردە نۇرغۇنلىغان خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارغا باغلىنىپ، مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. مەن ئۆزۈم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياشايمەن. ئەنە شۇ چاغدا، مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ زىكىرىيانى سىلەرگە ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.


ئارقىدىن پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا خەلق يىغىلغان يەردە كۈندۈزى بۇلۇتنى، كېچىسى يالقۇنجاپ تۇرغان بىر يورۇقلۇقنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ شان-شەرىپى پۈتكۈل زېمىنغا سايىۋەن بولىدۇ.


ئەي، سىئوندىكى پۇقرالار، ياڭرىتىڭلار بار ئاۋازىڭلار بىلەن شادلىق مەدھىيەسىنى، چۈنكى ئۇلۇغدۇر بىز ئىسرائىللارنى تاللىغان، بىز بىلەن بىللە بولىدىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگار.»


شۇ كۈنى يەھۇدىيە زېمىنىدىكى بارلىق خەلق بۇ ناخشىنى ئېيتىدۇ: بىزنىڭ شەھىرىمىز مۇستەھكەم! خۇدا خۇددى سېپىل ۋە سېپىل مۇنارلىرىغا ئوخشاش بىزنى قۇتقۇزىدۇ.


پەرۋەردىگار بىزنىڭ قۇدرەتلىك قوغدىغۇچىمىز بولىدۇ. ئۇ دۈشمەن ئۆتەلمەيدىغان قوغدىغۇچى دەريا بولىدۇ، ئۇنىڭدا دۈشمەننىڭ ھېچبىر كېمىسى ئۈزەلمەيدۇ.


زېمىنىڭ ئەمدى قەبىھ ئىشلاردىن خەۋەر تاپمايدۇ، چېگرايىڭ ئىچىدە ئەمدى بۇزغۇنچىلىق ۋە ۋەيرانچىلىق غوۋغالىرى ئاڭلانمايدۇ. تاملىرىڭنى «نىجاتلىق»، دەرۋازىلىرىڭنى «مەدھىيە» دەپ ئاتايسەن.


قۇياش كۈندۈزى نۇرۇڭ بولمايدۇ، ئايمۇ سېنى يورۇتمايدۇ، پەقەت مەن پەرۋەردىگارلا سېنىڭ نۇرۇڭ بولىمەن. مەن خۇدا سېنىڭ شان-شەرىپىڭ بولىمەن.


قەدىرلىك خەلقىمنىڭ بۇ زېمىننىڭ ھەممە يەرلىرىدە يىغلاۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: «سىئوندا ئەمدى پەرۋەردىگار يوقمۇ؟ سىئوننىڭ پادىشاھى ئەمدى بۇ يەردە تۇرمامدۇ؟» دەپ يىغلايدۇ. پەرۋەردىگار: «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئۇلار يات ئەللەرنىڭ ئەرزىمەس بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغايدۇ؟» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.


ئۇ ۋاقىتتا سىلەر مېنىڭ ئىسرائىلىيەدە ئىكەنلىكىمنى، مېنىڭ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىكەنلىكىمنى ۋە مەندىن باشقا ئىلاھنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. ئەمدى مېنىڭ خەلقىم بولغان سىلەر قايتا نومۇسقا قالمايسىلەر.»


پەرۋەردىگار سېنى جازالاشتىن ياندى! ئۇ سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى قوغلاپ چىقاردى. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھىدۇر، ئۇ ساڭا ياردۇر. سېنىڭ ئەمدى بالا-قازادىن قورقۇشۇڭ بىھاجەتتۇر.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى قوغدايدۇ. ئۇلار سالغا بىلەن تاش ئېتىپ، دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ. ئۇلار جەڭدە مەستلەردەك چۇقان سالىدۇ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجەكلىرى قانغا مىلەنگەندەك، ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ قېنىغا مىلىنىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite