7 ئەي بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان سىئون خەلقى، تىز بولۇڭلار، قېچىڭلار!» دەيدۇ.
سىلەر بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار، بابىللىقلارنىڭ قولىدىن قېچىپ كېتىڭلار. سىلەر بار ئاۋازىڭلار بىلەن تەنتەنە قىلىپ: «پەرۋەردىگار خىزمەتكارى ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى قوغدىدى» دەپ، پۈتۈن دۇنياغا جاكارلاڭلار!
ئاسماندىن يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «ئۇ يەردىن چىقىڭلار، ئەي خەلقىم! بولمىسا شېرىك بولىسىلەر ئۇ شەھەرنىڭ گۇناھلىرىغا. ئۇچرايسىلەر ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەرگە.
پېترۇس يەنە نۇرغۇن سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردى ۋە ئۇلارغا: - سىلەر ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ بۇ زاماننىڭ چىرىپ كەتكەن كىشىلىرىگە كېلىدىغان جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇڭلار! - دەپ ئاگاھلاندۇردى.
ئەي بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلار، بابىلدىن قېچىپ چىقىپ، جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار! ئۇنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن تۈگەشمەڭلار. چۈنكى ئۇلاردىن قىساس ئالىدىغان ۋاقىت كەلدى، مەن ئەمدى بابىلنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا تېگىشلىك جازاسىنى بېرىمەن.
كېتىڭلار، كېتىڭلار، بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار! ناپاك نەرسىلەرگە تېگىپ كەتمەڭلەر، ئەي پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس بۇيۇملىرىنى كۆتۈرىدىغانلار، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار،
ئۇلار شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا، پەرىشتىلەردىن بىرى: _ سىلەر جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار! كەينىڭلارغا قارىماڭلار، تۈزلەڭلىكتە توختىماڭلار، تاغقا قېچىڭلار! بولمىسا، ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى.
ئەي سىئون خەلقى، سىلەر تولغىقى تۇتقان ئايالدەك قاتتىق ئىڭراڭلار، چۈنكى سىلەر ئەمدى بۇ شەھەردىن ئايرىلىسىلەر. دالادا ياشايسىلەر، ئەسىرگە ئېلىنىپ بابىلغا ئەكېتىلىسىلەر. كېيىن پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۇ يەردە قۇتقۇزىدۇ، دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىدۇ.
ئەي خەلقىم، بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن قېچىپ، جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار.
ئەي خەلقىم، بابىلدىن قېچىپ چىقىڭلار! خۇددى پادىلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان سەركىلەرگە ئوخشاش بابىل زېمىنىدىن باشتا چىقىڭلار.
ئەي يېرۇسالېم، ئۈستبېشىڭدىكى چاڭ-توزاننى قېقىۋەتكىن. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئۆزۈڭنىڭ تەختىگە بېرىپ ئولتۇرغىن. ئەي ئەسىرلىكتە قالغان سىئون خەلقى، بوينۇڭدىكى زەنجىرنى ئۈزۈپ تاشلىغىن.
ئۇلارنى چۆرىدەپ تۇرغان بارلىق ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، بىزنىمۇ يەر يۇتۇپ كەتمىسۇن دەپ قېچىپ كېتىشتى.
ئۇ جامائەتنى ئاگاھلاندۇرۇپ: _ بۇ رەزىل كىشىلەرنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق تۇرۇڭلار! ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نەرسىسىگە تەگمەڭلار، بولمىسا ئۇلارنىڭ گۇناھىغا سىلەرمۇ چېتىلىپ، بىرلىكتە ۋەيران بولىسىلەر، _ دېدى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ‹گۈزەل مەلىكە› بابىل، ئەمدى توپىدا ئولتۇر. ئەي ‹بابىل مەلىكىسى›، سەن داق يەردە ئولتۇر، ئەمدى سېنىڭ تەختىڭ يوق! ئەمدى سېنى ھېچكىم ‹نەقەدەر گۈزەل› دەپ تەرىپلىمەيدۇ.