2 مەن ئۇ يىگىتتىن: _ نەگە كېتىۋاتىسىز؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ: _ يېرۇسالېمغا، شەھەرنى ئۆلچەشكە، شەھەرنىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقىنى بىلىشكە كېتىۋاتىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.
مۇقەددەس يەرنىڭ جەنۇب تەرىپىدىن ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 2.5 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر يەرنى ئايرىۋېلىڭلار. شۇ يەرگە شەھەر جايلاشسۇن، بۇ شەھەر پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە تەۋە بولىدۇ.
ئۇنىڭ پاسىلى ئۇ يەردىن ئۇدۇل غەرب تەرەپكە كېڭىيىپ، گارېب تېغىغىچە بارىدۇ، ئاندىن جەنۇب تەرەپكە بۇرۇلۇپ، گوئاھ دەپ ئاتىلىدىغان جايغىچە سوزۇلىدۇ.
ماڭا ئۆلچىگۈچ ئورنىدا ئىشلىتىشكە قومۇش بېرىلدى ۋە بىر ئاۋاز ماڭا مۇنداق دېدى: «بېرىپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنى ئۆلچە، ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنى سانا.
مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: _ ئۇلار ئىدىشنى نەگە ئاپىرىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم.
لېكىن، ئەمدى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئاراڭلاردىن ھېچكىم مەندىن: «نەگە كېتىسىز؟» دەپ سورىمايۋاتىدۇ.
ئۇ مېنى ئاشۇ يەرگە ئېلىپ باردى. قارىسام، دەرۋازىنىڭ ئالدىدا تۇچتەك پارقىراق بىر ئادەم تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ قولىدا زىغىر تانىدىن ۋە تاياقتىن ياسالغان ئىككى ئۆلچىگۈچ بار ئىدى.
شۇڭا مەن يېرۇسالېمغا رەھىم-شەپقەت كۆرىسىتىش ئۈچۈن قايتىپ كەلدىم. يېرۇسالېمدا ئىبادەتخانام قايتا قۇرۇلىدۇ. يېرۇسالېم قايتىدىن قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئۆلچەپ چىقىلىدۇ.»