13 ئەي ئىنسانلار، مېنىڭ ئالدىمدا سۈكۈتتە تۇرۇڭلار! چۈنكى مەن مۇقەددەس ماكانىمدىن قوزغىلىپ كەلمەكتىمەن.»
پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس دەرگاھىدىدۇر، پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭ ئالدىدا جىم تۇرسۇن.»
ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جىم تۇرۇڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى كېلىدىغانغا ئاز قالدى. ئۇ ئۆز خەلقىنى قۇربانلىققا تەييارلاپ، قۇربانلىق قىلغۇچىلارنى تاللىدى.
ئاتا بولغان يېتىملارغا، ئىگە چىققان تۇل خوتۇنلارغا، ئۇ خۇدادۇر، ماكانى مۇقەددەستۇر.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدى مېنى كۈتۈڭلار، مېنىڭ سوراق كۈنۈمنى كۈتۈڭلار! مەن ھەممە ئەللەر ۋە خەلقلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا قەھر-غەزىپىمنى چېچىش قارارىغا كەلدىم. پۈتۈن دۇنيا غەزەپ ئوتۇم بىلەن ۋەيران قىلىنىدۇ.»
بۇ چاغ ئىگەم ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئادەم كەبى، شارابنىڭ كۈچى بىلەن روھلانغان باتۇر كەبى.
بىراق، ئەي ئىنسان، خۇدا بىلەن تاكاللىشىدىغان سەن كىمسەن؟ بىر ساپال قاچا ئۆزىنى ياسىغان خۇمدانچىغا: «مېنى نېمە ئۈچۈن بۇنداق ياسىدىڭ؟» دېيەلەمدۇ؟
ئەي پەرۋەردىگار، ئويغىنىپ قولۇڭنى كۆتۈرگەيسەن، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغايسەن. خۇددى بۇرۇنقى زاماندىكىگە ئوخشاش، ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن! دېڭىز مەخلۇقى راخابنى پارچىلاپ تاشلىغان سەن ئەمەسمۇ! قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقىنى سانجىپ ئۆلتۈرگەن سەن ئەمەسمۇ!
دەيدۇ ئۇ: «توختىتىڭلار ئۇرۇشۇڭلارنى، بىلىپ قويۇڭلار مېنىڭ خۇدالىقىمنى! ئۇلۇغلىنىمەن پۈتۈن ئالەمدە، بارچە خەلقلەر ئۇلۇغلار مېنى.»
پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەرشتىدۇر، ئۇ تۇرار مۇقەددەس دەرگاھىدا. كۆزىتىپ تۇرار ئۇ ھەممە ئىنسانلارنى، دىققەت بىلەن تىكىلگەندۇر كۆزلىرى ئىنسانلارغا.
ئى پەرۋەردىگار، ئەرشتىكى مۇقەددەس ماكانىڭدىن بىزگە نەزەر سېلىپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارغا ۋە سەن ئاتا قىلغان بۇ زېمىنغا، يەنى سەن ئەجدادلىرىمىزغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىنغا بەخت ئاتا قىلغايسەن.»
مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ئايەتلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغان يەھۇدىيلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقىنى بىلىمىز. شۇنداق بولغاندا، يەھۇدىيلار ھەم يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ باھانە كۆرسىتىدىغان ئېغىزلىرى تۇۋاقلىنىدۇ ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلار خۇدانىڭ ھۆكۈمى ئاستىدا تۇرىدۇ.
ئەي يەرەمىيا! ھازىر سەن بۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار ئەرشتە شىرغا ئوخشاش ھۆركىرەيدۇ. ئۇ مۇقەددەس ماكانىدا تۇرۇپ، گۈلدۈرلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ خەلقىگە قارشى ھۆركىرەپ، خۇددى ئۈزۈم يانجىۋاتقان ئادەمدەك توۋلايدۇ. ئۇ يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئىنسانغا ۋارقىرايدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، ئەرشتىن بىزگە نەزەر سال! مۇقەددەس، شەرەپلىك ماكانىڭدىن نەزەر سال. سېنىڭ قىزغىنلىقىڭ، ھەممىگە قادىرلىقىڭ نەگە كەتتى؟ سېنىڭ بىزگە ئىچ ئاغرىتىشىڭ ۋە شاپائىتىڭ توختاپ قالدىغۇ؟
ئەڭ ئۇلۇغ، يۈكسەك، مەڭگۈ مەۋجۇت، نامى مۇقەددەس بولغۇچى مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: مەن ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ مۇقەددەس جايدا تۇرىمەن، ۋاھالەنكى، چىن قەلبىدىن توۋا قىلغان كىچىك پېئىللار بىلەن بىللە بولىمەن، كىچىك پېئىللارنىڭ روھىنى ئويغىتىمەن، توۋا قىلغانلارنىڭ قەلبىنى يېڭىلايمەن.
سىلەر دۇپ دەرەخلىرى ئارىسىدا، ئارچىلار ئاستىدا بۇزۇقچىلىقىڭلار بىلەن يالغان ئىلاھىڭلارغا چوقۇنىسىلەر، تاغ جىلغىلىرىدا، قىيا تاشلار ئاستىدا ئۆز بالىلىرىڭلارنى قۇربانلىق قىلىسىلەر.
روھانىيلار ۋە لاۋىيلار خەلققە بەخت تىلەشتى. ئۇلارنىڭ دۇئالىرى خۇدانىڭ ئەرشتىكى مۇقەددەس ماكانىغا يېتىپ باردى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر، شۈك تۇرۇپ، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! جەسۇرراق بولۇپ، ئالدىمغا كېلىڭلار، ماڭا گەپ قىلىڭلار، بىز مۇنازىرىلىشىپ باقايلى.
بەلكىم سىلەر كۆڭلۈڭلاردا: ‹پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئەمەسلىكىنى قانداق بىلىمىز؟› دەپ ئويلايدىغانسىلەر.
ئەگەر بىر پەيغەمبەر مېنىڭ نامىم بىلەن سۆز قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشمىسا، ئۇنىڭ سۆزى مەندىن كەلگەن ئەمەستۇر. ئۇ پەقەت ئۆز خاھىشى بىلەن سۆزلىگەندۇر، سىلەر ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماڭلار.»
ئۇ خەلقلەر ئىسرائىللارنى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆز زېمىنىغا باشلاپ كېلىدۇ. ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا ياشاش ئۈچۈن كەلگەن بۇ خەلقلەر ئىسرائىللارغا خىزمەت قىلىدۇ. ئىسرائىللار بۇرۇن ئۆزلىرىنى ئەسىر قىلغانلارنى ئەسىر قىلىدۇ، ئۆزلىرىنى ئەزگەنلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.
ئۇ چاغدا مىسىرلىقلارنىڭ قىلىقى ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئاتقان مۇشتۇمىنىڭ زەربىسىدە قورقۇشۇپ تىترەپ كېتىدۇ.
_ زىرۇببابەل ئۆز قولى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى قويدى، ئۇنىڭ قولى بۇ قۇرۇلۇشنى چوقۇم تاماملايدۇ. شۇندىلا ئۇ مەن، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سېنى خەلققە ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىپ قالىدۇ.
يىراقتىن كىشىلەر كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇ چاغدا سىلەر مەن زىكىرىيانى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر. ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا تولۇق ئىتائەت قىلساڭلار، بۇ ئىشلار چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.