Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 2:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 مەن يەھۇدىيەنى مۇقەددەس زېمىندىكى مۈلكۈم قىلىمەن ۋە يېرۇسالېمنى قايتىدىن ‹مېنىڭ شەھىرىم› قىلىپ تاللايمەن.

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 2:12
19 Referans Kwoze  

سەن يەنە مۇنداق جاكارلىغىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مېنىڭ شەھەرلىرىم قايتا گۈللىنىدۇ. مەن سىئونغا تەسەللى بېرىپ، يېرۇسالېمنى قايتىدىن تاللايمەن.›»


لېكىن ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر، ياقۇپ ئۇنىڭ مۈلكىدۇر.


بىراق بىزنىڭ ئەجدادىمىز ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا بۇ بۇتلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقۇچىدۇر. بىز ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇرمىز. ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر.»


پەرۋەردىگارنى خۇدايىمىز دەپ تونۇغانلار بەختلىكتۇر، پەرۋەردىگار ئۆزىگە تەۋە قىلىپ تاللىغان خەلق بەختلىكتۇر.


بىراق بىزنىڭ ئەجدادىمىز ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا بۇ بۇتلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقۇچىدۇر. بىز ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇرمىز. ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر.


مەن سىلەرنى جاھاننىڭ ئەڭ يىراق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن يىغىپ كەلدىم، سىلەرنى زېمىننىڭ يىراق، چەت يەرلىرىدىن چاقىرتتىم. مەن سىلەرگە: ‹سىلەر مېنىڭ خىزمەتكارىم، سىلەرنى تاللىدىم، سىلەرنى تاشلىۋەتمەيمەن.


پەرۋەردىگار تاللىۋالدى ياقۇپ قوۋمىنى، ئۆزىگە تەۋە قىلىپ ئىسرائىللارنى.


سوراق قىلغىن يەر يۈزىگە كېلىپ ئى خۇدا، چۈنكى پۈتكۈل خەلقلەر تەۋەدۇر ساڭا.


ئەمدى خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن يېرۇسالېمنى، خەلقىمنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنى تاللىدىم» دېگەنىدى.


شۇنداق، پەرۋەردىگار تاللىغاندۇر سىئوننى، بىز بىلەن ئۇچرىشىشقا خالىغاندۇر بۇ يەرنى.


«ئارامگاھىم بۇ مېنىڭ، مەڭگۈگىدۇر ئۇ مېنىڭ ماكانىم، خالىغانمەن بۇ يەرنى مەن ئۆزۈم.


پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئىسرائىللارنى قايتىدىن يەنە ئۆزىنىڭ خەلقى قىلىپ تاللايدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆز زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا باشقا خەلقلەر كېلىپ ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا قوشۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


بۇ چاغدا پەرۋەردىگار شەيتانغا: _ ئەي شەيتان، سېنىڭ شىكايىتىڭنى رەت قىلىمەن! مەن، يەنى يېرۇسالېمنى تاللىغان پەرۋەردىگار سېنىڭ شىكايىتىڭنى رەت قىلىمەن! بۇ ئادەم خۇددى ئوتتىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان چۇچىلىغا ئوخشىمامدۇ؟ _ دېدى.


قاقاس چۆللۈكتىن، ياۋايى ھايۋانلار ھۇۋلاپ تۇرىدىغان دالادىن پەرۋەردىگار تاپتى ئىسرائىللارنى. باقتى ئۇلارنى، قوغدىدى ئۇلارنى خۇددى قوغدىغاندەك كۆز قارىچۇقىنى.


ھامون ئۆزى دۇچ كەلگەن ئىشلارنى ئايالى زەرەشكە ۋە بارلىق ئاغىنىلىرىگە بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. ئايالى ۋە ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا: _ سەن موردىكايدىن يېڭىلىشكە باشلىدىڭ. موردىكاي يەھۇدىي نەسلىدىن بولغاچقا، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالمايسەن. سەن چوقۇم ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نابۇت بولىسەن، _ دېدى.


«مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا چېقىلماڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە زىيانكەشلىك قىلماڭلار.»


كەچ كىرگەندە ئىسرائىللارنى ۋەھىمە باسقان بولسا، تاڭ ئاتقۇچە دۈشمەن غايىب بولىدۇ. مانا بۇ بىزنى تالان-تاراج قىلغانلارنىڭ تەقدىرى، بىزنى بۇلىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى.


لېكىن سىلەرنى ۋەيران قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولىدۇ. بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ. سىلەرنى تالان-تاراج قىلغانلارنىڭ ئۆزىمۇ تالان-تاراج قىلىنىدۇ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite