زىكىرىيا 14:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى4 شۇ كۈنى پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنىڭ شەرقىدىكى زەيتۇن تېغىغا قەدەم باسىدۇ. زەيتۇن تېغى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، يېرىمى شىمالغا، يېرىمى جەنۇبقا يۆتكىلىدۇ. ئوتتۇرىسىدا شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان كەڭ بىر جىلغا پەيدا بولىدۇ. Gade chapit la |
يەھۇدىيەنىڭ شىمالىدىكى گەبادىن تارتىپ، يېرۇسالېمنىڭ جەنۇبىدىكى رىممونغىچە بولغان بارلىق زېمىن تۈزلەڭلىككە ئايلىنىدۇ. لېكىن يېرۇسالېم يەنىلا ئۆز جايىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. شەھەر «بىنيامىن» دەرۋازىسىدىن كونا دەرۋازىنىڭ ئورنىغا سېلىنغان «بۇلۇڭ» دەرۋازىسىغىچە، ھەم خانانئېل مۇنارىدىن پادىشاھنىڭ ئۈزۈم ئېزىش كۆلچەكلىرىگىچە كېڭىيىدۇ.