18 ئەگەر مىسىرلىقلار بېرىشنى رەت قىلسا، ئۇلارنىڭ زېمىنىغىمۇ يامغۇر ياغمايدۇ. كەپە تىكىش ھېيتىغا بېرىشنى رەت قىلغان باشقا ئەللەرگە تەگكەن ۋابا بىلەن ئۇلارغىمۇ زەربە بېرىلىدۇ.
دۈشمەن قوشۇنلىرىدىكى ئات، قېچىر، تۆگە، ئېشەك ۋە بارگاھلىرىدىكى بارلىق ھايۋانلارغىمۇ ئوخشاشلا ۋابا تېگىدۇ.
پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا قارشى چىققان بارلىق ئەللەرگە ۋابا بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار تىرىك مۇردىلارغا ئايلىنىپ، تەنلىرى چىرىپ كېتىدۇ. كۆزلىرى كۆز چانىقىدا، تىللىرى ئېغىزلىرىدا چىرىيدۇ.
مانا بۇ كەپە تىكىش ھېيتىنى تەبرىكلەشكە بارمىغان مىسىرلىقلار ۋە باشقا ئەللەرگە بېرىلىدىغان جازادۇر.
_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ئۇدا يەتتە كۈن مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كەپە تىكىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار.
ساڭا خىزمەت قىلمىغان پادىشاھلىقلار يوقىلىدۇ، ئۇنداق ئەللەر پۈتۈنلەي ھالاك بولىدۇ.
ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ۋە دەم ئېلىش كۈنى بارلىق ئىنسانلار ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ.
ياقۇپنىڭ ئامان قالغان ئەۋلادلىرى ئەللەر ئارىسىغا، يەنى نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىغا، خۇددى ئورماندا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ئارىسىدىكى شىردەك، قويلار ئارىسىغا ئېتىلىپ كىرگەن ياش شىردەك بۆسۈپ كىرىپ، ئولجىلىرىنى پارە-پارە قىلىپ تاشلايدۇ. ھېچكىم ئولجىلارنى قۇتقۇزالمايدۇ.