13 ئۇ كۈن كەلگەندە، پەرۋەردىگار ئۇ ئەللەرنى ئالاقزادە قىلىدۇ. ھەممە ئادەم ياقا سىقىشىپ، بىر-بىرىگە قارشى قول كۆتۈرۈشىدۇ.
مەن پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەنكى، ئۇ كۈن كەلگەندە، بارلىق ئاتلارنى ئۈركۈتىمەن ۋە ئات ئۈستىدىكى چەۋەندازلارنى ئەقلىدىن ئازدۇرىمەن. مەن يەھۇدىيەگە ھامىيلىق قىلىمەن، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئاتلىرىنى كور قىلىمەن.
مەن پەرۋەردىگار دەيمەنكى، بۇ زېمىندىكى كىشىلەرگە ئەمدى رەھىم قىلمايمەن. مەن ئۇلارنى بىر-بىرىنىڭ ھەم پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلار بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىدۇ، مەن ھېچكىمنى قۇتقۇزمايمەن.
مەن ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىدا گوگقا قارشى قىلىچ ھازىرلايمەن، ئۇلارنى ئۆزئارا قىرغىن قىلدۇرىمەن، بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
گىدئوننىڭ 300 ئادىمى بۇرغا چالغاندا، پەرۋەردىگار دۈشمەن قوشۇنىنى ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىنچىلىققا سېلىپ قويغانىدى. ئۇلار زىرېرا تەرەپكە قاراپ، تاكى بەيت-شىتتاھ ۋە تاببات شەھىرى يېنىدىكى ئابېل-مىخولا چېگراسىغىچە قېچىشتى.
ھەتتا يەھۇدىيە خەلقىمۇ يېرۇسالېمدا جەڭگە ئاتلىنىدۇ. ئەتراپىدىكى ئەللەرنىڭ بايلىقلىرى، يەنى ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈش ۋە كىيىم-كېچەكلىرى ئولجا ئېلىنىدۇ.