Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 14:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 يەھۇدىيەنىڭ شىمالىدىكى گەبادىن تارتىپ، يېرۇسالېمنىڭ جەنۇبىدىكى رىممونغىچە بولغان بارلىق زېمىن تۈزلەڭلىككە ئايلىنىدۇ. لېكىن يېرۇسالېم يەنىلا ئۆز جايىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. شەھەر «بىنيامىن» دەرۋازىسىدىن كونا دەرۋازىنىڭ ئورنىغا سېلىنغان «بۇلۇڭ» دەرۋازىسىغىچە، ھەم خانانئېل مۇنارىدىن پادىشاھنىڭ ئۈزۈم ئېزىش كۆلچەكلىرىگىچە كېڭىيىدۇ.

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 14:10
28 Referans Kwoze  

ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرىنى ئوتۇن ئارىسىدىكى چوغ، سامان ئارىسىدا يېنىپ تۇرغان مەشئەل قىلىمەن. ئۇلار ھەر تەرەپتىن قورشاۋغا ئالغان بارلىق ئەللەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. يېرۇسالېم خەلقى ئۆز جايىدا، يەنى يېرۇسالېمدا ئامان-ئېسەن ياشايدۇ.


لىبائوت، شىلخىم، ئايىن ۋە رىممونلاردىن ئىبارەت جەمئىي 29 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە.


لېكىن يەرەمىيا پەيغەمبەر بىنيامىن دەرۋازىسىغا كەلگەندە، شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى، يەنى شەلەميانىڭ ئوغلى، خانانيانىڭ نەۋرىسى يىرئىيا يەرەمىيانى تۇتۇۋالدى ۋە ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: _ سەن بابىللىقلارنىڭ قېشىغا قېچىپ كەتمەكچى بولدۇڭ!


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن خەلقىمنى ئۆز زېمىنلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ھەربىر ئائىلىگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن. يېرۇسالېم خارابىلىك ئۈستىگە قايتا قۇرۇلىدۇ. پادىشاھ قەلئەسى ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلىنىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئاسا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پادىشاھ باشانىڭ راماھنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولغان ياغاچ-تاشلىرىنى يۆتكەپ ئەكەتتى. ھېچكىم بۇ ئىشتىن ئۆزىنى قاچۇرالمىدى. پادىشاھ ئاسا بۇ ياغاچ-تاشلار بىلەن بىنيامىن زېمىنىدىكى گەبا ۋە مىزپاھ شەھەرلىرىنىڭ سېپىللىرىنى مۇستەھكەملىدى.


كەلگەن پەرىشتە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ تېز بول! ئاۋۇ كېتىۋاتقان ياش يىگىتكە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ئادەم ۋە چارۋا ماللارنىڭ كۆپلىكىدىن يېرۇسالېم شەھىرىگە سىغماي قالىدۇ، سېپىللار بولمايدۇ.


كۇش يۇرتىدىن بولغان ئەمەلدار ئەبەد-مەلەك ئوردىدا يەرەمىيانىڭ قۇدۇققا تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى. پادىشاھ بىنيامىن دەرۋازىسىدا سوت ئېچىۋاتقاندا،


باش روھانىي ئەلياشىب ۋە ئۇنىڭ روھانىي قېرىنداشلىرى قوي دەرۋازىسىنى قايتىدىن ياساپ، ئۇنى خۇداغا بېغىشلىدى ۋە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورناتتى. ئاندىن سېپىلنى يۈز مۇنارىغىچە ئۇزارتىپ، خۇداغا بېغىشلىدى. كېيىن ئۇنى خانانئېل مۇنارىغىچە ئۇزارتتى.


قالغان 600 ئادىمى چۆلدىكى رىممون قىيا تېشىنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىپ، ئۇ يەردە تۆت ئاي تۇردى.


قالغان ئادەملەر چۆلدىكى رىممون قىيا تېشى تەرەپكە قاراپ قاچتى. يول بويى ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ يەنە 5 مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈردى. كېيىن ئۇلار گىدئومغىچە قوغلاپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ 2 مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈردى.


«ۋاقتى كەلگەندە، داۋۇتنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن كەپىسىنى قايتىدىن قۇرىمەن. بۇزۇلغان تاملىرىنى ئوڭشاپ، خارابىلىكلىرىنى قايتا بىنا قىلىمەن. مەن ئۇنى ئەسلىدىكىدەك قايتا قۇرۇپ چىقىمەن.


ئۇلار تاغ داۋىنىدىن ئۆتۈپ، گەبا شەھىرىدە قونىدۇ. راماھ شەھىرىنىڭ خەلقى قورقۇشۇپ، تىترەپ كېتىدۇ، پادىشاھ سائۇلنىڭ گېبئاھ شەھىرىدىكى خەلقمۇ قېچىپ كېتىدۇ.


شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى جايلاشقان تاغ، تاغلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرىدۇ. ئۇ ھەممە تاغلاردىن بۈيۈك تۇرىدۇ، بارلىق ئەللەر ئۇ يەرگە سەلدەك ئېقىپ كېلىدۇ.


ئاندىن ئۇلار ئەفرايىم دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ، كونا شەھەر دەرۋازىسىغا كەلدى. ئۇلار بېلىق دەرۋازىسى ۋە خانانئېل مۇنارىدىن ئۆتۈپ، يۈز مۇنارىغا كەلدى. ئۇلار يەنە قوي دەرۋازىسىغا قاراپ داۋاملىق مېڭىپ، قاراۋۇل دەرۋازىسىدا توختىدى.


ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش يوئاشنىڭ ئوغلىنى، يەنى ئاخازيانىڭ نەۋرىسى، يەھۇدىيە پادىشاھى بولغان ئامازيانى بەيت-شەمەشتە تۇتۇۋالدى. يىھوئاش ئۇنى يېرۇسالېمغا ئەكەلدى. ئاندىن يېرۇسالېمنىڭ «ئەفرايىم دەرۋازىسى»دىن «بۇلۇڭ دەرۋازىسى»غىچە بولغان ئارىلىقتىكى 200 مېتىردەك سېپىلىنى بۇزۇۋەتتى.


مىرارى جەمەتىنىڭ قالغان ئائىلىلىرىگە تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بۆلۈپ بېرىلدى. زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن رىممونو ۋە تابور،


ئۇلار يەنە ئېتام، ئايىن، رىممون، توكەن ۋە ئاشان دېگەن بەش شەھەردىمۇ ياشىدى.


قايتا جەم بولغان ئىسرائىللار رىممون قىيا تېشىنىڭ يېنىدىكى بىنيامىنلارغا خەۋەر ئەۋەتىپ، ئۇلار بىلەن يارىشىپ قالماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.


ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىدىن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا گىبئون، گەبا،


ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش يوئاشنىڭ ئوغلىنى، يەنى ئاخازيانىڭ نەۋرىسى، يەھۇدىيە پادىشاھى بولغان ئامازيانى بەيت-شەمەشتە تۇتۇۋالدى. يىھوئاش يېرۇسالېمغا كېلىپ، يېرۇسالېمنىڭ «ئەفرايىم دەرۋازىسى»دىن «بۇلۇڭ دەرۋازىسى»غىچە بولغان ئارىلىقتىكى 200 مېتىردەك سېپىلىنى بۇزۇۋەتتى.


شۇڭا ئۇ يەرەمىيا پەيغەمبەرنى تۇتۇپ كېلىپ ئۇرغۇزدى ۋە ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ «ئۈستۈنكى بىنيامىن دەرۋازىسى»غا ئەكېلىپ، پۇتلىرىغا تاقاق سالدى.


ئۇززىيا يېرۇسالېمنىڭ «بۇلۇڭ دەرۋازىسى»، «جىلغا دەرۋازىسى» ۋە سېپىلنىڭ ئايلانمىسىغا مۇستەھكەم مۇنارلارنى سالدى.


شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى جايلاشقان تاغ تاغلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرىدۇ. ئۇ ھەممە تاغلاردىن بۈيۈك تۇرىدۇ، خەلقلەر ئۇ يەرگە سەلدەك ئېقىپ كېلىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىئونغا قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمدا ياشايمەن. ئەنە شۇ چاغدا يېرۇسالېم شەھىرى ‹ساداقەتلىك شەھەر›، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سىئون تېغى ‹مۇقەددەس تاغ› دەپ ئاتىلىدۇ.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite