4 ئۇ كۈن كەلگەندە، ساختا پەيغەمبەرلەر ۋەھىي يەتكۈزۈشتىن نومۇس قىلىدىغان بولىدۇ. ئۇلار خەلقنى ئالداش ئۈچۈن كىيىۋالىدىغان يۇڭدىن توقۇلغان پەيغەمبەرلىك تونلىرىنى كىيمەيدىغان بولىدۇ.
يەھيا پەيغەمبەر تۆگە يۇڭىدىن كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى.
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا: «كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىمىڭنى ۋە ئايىغىڭنى سېلىۋەت!» دېدى. يەشايا شۇنداق قىلدى ۋە يالاڭ ئاياغ، كىيىمسىز كېزىپ يۈردى.
ئۇلار پادىشاھقا: _ يۇڭدىن توقۇلغان تون كىيىپ، بېلىنى خۇرۇم تاسما بىلەن باغلىۋالغان ئادەم ئىكەن _ دېدى. پادىشاھ: _ ئۇ تىشبىلىك ئىلياس ئىكەن، _ دېدى.
مەن ئىككى گۇۋاھچىمغا قۇدرەت بېرىمەن. ئۇلار قارىلىق كىيىم كىيىپ، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى بېكىتىلگەن ئەنە شۇ 1260 كۈندە يەتكۈزىدۇ.»
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرى ئۈچۈن خىجىل بولدىمۇ؟ ياق! ئۇلار پەقەتلا خىجىل بولمىدى. ئۇلار ھەتتا ئۇيىلىپ قىزىرىشنىمۇ بىلمەيدۇ! شۇڭا ئۇلار خۇددى باشقىلارغا ئوخشاش ھالاك بولىدۇ. مەن ئۇلارنى جازالىغاندا، ئۇلار چوقۇم ۋەيران بولىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»
تۇتۇلۇپ قالغان ئوغرى شەرمەندە بولغاندەك، سىلەر ئىسرائىل خەلقىمۇ شەرمەندە بولىسىلەر. سىلەرنىڭ پادىشاھلىرىڭلار، ئەمەلدارلىرىڭلار، روھانىيلىرىڭلار ۋە پەيغەمبەرلىرىڭلارمۇ خىجالەتتە قالىدۇ.
چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى، ھەرە بىلەن ھەرىلىنىپ پارچىلاندى، قىلىچلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى، قوي-ئۆچكە تېرىلىرىنى يېپىنچا قىلغان ھالدا سەرسان بولۇپ يۈردى، نامراتلىقتا ياشىدى، زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىدى، خورلاندى.
دانالار نومۇسقا قېلىپ، ساراسىمىگە چۈشۈپ، قىلتاققا ئىلىندى. ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمنى رەت قىلغان تۇرسا، ئۇلاردا قانداقمۇ ئەقىل-پاراسەت بولسۇن؟