Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 13:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن بۇ زېمىندىن بۇتلارنى يوقىتىمەن. ئۇلارنىڭ نامى ئۇنتۇلىدۇ. مەن يەنە ساختا پەيغەمبەرلەرنى ۋە خەلقنىڭ ناپاكلىققا ئىنتىلىش روھىنى بۇ زېمىندىن يوقىتىمەن.

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 13:2
40 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: «قانداق ئازدۇرىسەن؟» دەپ سورىدى. ھېلىقى روھ: «مەن ئاخابنىڭ پۈتۈن پەيغەمبەرلىرىنى يالغان ئېيتقۇزىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن ئۇنى چوقۇم ئازدۇرالايسەن، بېرىپ، ئۇنى ئازدۇرغىن» دېدى.


مەن سېنىڭ ئاغزىڭدىن بائالنىڭ ئىسمىنى يوقىتىمەن، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى قايتا تىلغا ئالمايدىغان بولىسەن.


مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتقان سۆزلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىڭلار، باشقا ئىلاھلارنىڭ نامى بىلەن دۇئا قىلماڭلار، ھەتتا ئۇلارنىڭ نامىنى تىلغىمۇ ئالماڭلار.


ئۈستۈڭلارغا پاكىز سۇ چاچىمەن، سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى پۈتۈن ناپاكلىقلاردىن ۋە پۈتۈن بۇتلاردىن پاكلايمەن.


مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹بۇتلارنى يوقىتىمەن، نوپ شەھىرىنىڭ بۇتلىرىنى ۋەيران قىلىمەن، مىسىردا ئەمدى ھۆكۈمران بولمايدۇ، مىسىرنى ۋەھىمىگە سالىمەن.


دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلەر كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەر ئىككىلىسى تۇتۇلدى. ساختا پەيغەمبەر شۇ مۆجىزىلەر ئارقىلىق تېنىدە دىۋىنىڭ بەلگىسى بولغان ھەمدە دىۋىنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى.


ئەمەلىيەتتە، مەن خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايىنىپ جىنلارنى ھەيدىۋەتتىم. بۇ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاراڭلاردا نامايان بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.


- جىن بىرەر ئادەمنىڭ تېنىدىن ھەيدىۋېتىلگەندىن كېيىن، قۇرغاق دالالارنى ئارىلاپ چىقىپ، تۇرىدىغان جاي ئىزدەيدۇ، بىراق تاپالمايدۇ


پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىۋېتىدۇ ۋە دۇنيادىكى ساختا ئىلاھلارنى يوقىتىدۇ. ئاندىن دۇنيادىكى ھەربىر خەلق ئۆز تۇپرىقىدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ.


ئەگەر بىر يالغانچى ۋە ئالدامچى سىلەرگە: «سىلەردە مەي، شاراب مول بولىدۇ» دېسە، ئۇ سىلەرنىڭ ياخشى پەيغەمبىرىڭلارغا ئايلىنىدۇ.


ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىن يىرگىنچلىك بۇتقا چوقۇنۇپ، رەزىل ئىشلار بىلەن ئۆزىنى ناپاك قىلمايدۇ. ئۇلارنى مەندىن قايتا-قايتا يۈز ئۆرۈگەنلىكىدەك گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىپ پاكلايمەن. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.


ئەگەر پەيغەمبەر ئېزىپ، ئۆزى مەسلىھەت بەرسە، ئەگەر پەيغەمبەر ئېزىپ، خاتا مەسلىھەت بەرسە، ئۇنىڭغا خاتا مەسلىھەت بەرگۈزگۈچى مەن بولىمەن. ئۇنىڭغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن ۋە ئۇنى ئىسرائىل خەلقىم ئارىسىدىن يوقىتىمەن.


شۇڭا سىلەر ئەمدى يالغاندىن غايىبانە ئالامەت توقۇيالمايسىلەر، پال ئاچالمايسىلەر. مەن خەلقىمنى سىلەرنىڭ چاڭگىلىڭلاردىن قۇتقۇزىمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.›»


ئۇلار مېنىڭ خەلقىم ئارىسىدا نومۇسسىز ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يۇقىرىدىكى قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ. ئۇلار قوشنىلىرىنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىناخورلۇق قىلدى ۋە نامىمنى ئاتاپ يالغان سۆزلىدى، يەنى مەن بۇيرۇمىغان سۆزلەرنى سۆزلىدى. مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلىمەن ۋە نېمە قىلغانلىقىغا گۇۋاھمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»


ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئىنسانلار چوقۇنۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسىۋالغان بۇتلارنى، غارلاردىكى چاشقان ۋە شەپەرەڭلەرگە تاشلاپ بېرىدۇ.


بۇتلار پۈتۈنلەي يوقىتىلىدۇ.


كىمكى چوقۇنماق بولسا غەيرىي ئىلاھلارغا، ئاشار ئۇنىڭ دەردلىرى قەۋەتلا. قۇربانلىق قىلماسمەن ئاتاپ ئۇلارغا، ئالماسمەن ناملىرىنى ھەتتا تىلىمغا.


سىلەر ئاراڭلاردا قالغان باشقا يات خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتمەڭلار! ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى تىلغا ئالماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلماڭلار ۋە ئۇلارغا چوقۇنماڭلار!


ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى بۇزۇپ تاشلاڭلار. ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى كۆيدۈرۈپ، باشقا ئىلاھلىرىنىڭ ئويما بۇتلىرىنى چېقىپ، نامىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىڭلار.


ئەگەر ھايۋاننى يىرتقۇچ ھايۋانلار يەپ كەتكەن بولسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى يەپ كېتىلگەن ھايۋاننىڭ قالدۇقىنى ئەكېلىپ، ئىسپات قىلىپ كۆرسەتسۇن، تۆلەم تۆلىمىسۇن.


پەرىشتە جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن مۇنداق ۋارقىرىدى: «گۇمران بولدى، كاتتا شەھەر بابىل گۇمران بولدى! ئەمدى ئۇ جىنلارنىڭ ماكانى، ھەر خىل يامان روھلارنىڭ ئۇۋىسى، ھەر خىل ئىپلاس ۋە يىرگىنچلىك قۇشلارنىڭ چاڭگىسىدۇر.


- ئالدىڭلارغا قوي تېرىسىگە ئورىنىۋېلىپ كەلگەن، ئىچى يىرتقۇچ چىلبۆرىدەك ساختا پەيغەمبەرلەردىن ھوشيار بولۇڭلار.


ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، مېنىڭ بۇتلار بىلەن ئىشىم يوق، سىلەرنىڭمۇ ئىشىڭلار بولمىسۇن. دۇئايىڭلارغا قۇلاق سالغۇچى ۋە ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن بۈك-باراقسان قارىغايغا ئوخشايمەن. مەن ئالغان مول ھوسۇلۇڭلارنىڭ مەنبەسىدۇرمەن.»


خەلقىم ياشايدىغان شەھەرلەر ۋە غەيرىي سەجدىگاھلار خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، قۇربانلىق سۇپىلىرى چۇۋۇۋېتىلىدۇ، بۇتلىرى بۇزۇۋېتىلىدۇ ۋە ئىسرىقدانلىرى چېقىپ تاشلىنىدۇ، يەنى خەلقىم ياسىغان ھەممە نەرسە ۋەيران قىلىنىدۇ.


ئەمدى ئىسرائىللار ئارىسىدا يالغاندىن كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان يالغان بېشارەتلىرى يەتكۈزۈلمەيدۇ.


مەن سىلەرنى ھەر خىل ناپاك ئىشلىرىڭلاردىن ئازاد قىلىمەن. ئاشلىقىڭلارنى مول قىلىپ، ئاچارچىلىق پەيدا قىلمايمەن.


ئەگەر بىرەر پەيغەمبەر مېنىڭ نامىم بىلەن مەن دېمىگەن سۆزلەرنى قىلسا ياكى باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆزلىسە، ئۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن.


ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، مېنىڭ تەختىم بۇ يەردىدۇر، بۇ يەر مېنىڭ پۇت قويىدىغان يېرىمدۇر. مەن بۇ يەردە ئىسرائىللار ئارىسىدا مەڭگۈ ياشايمەن. ئىسرائىل خەلقى ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆلۈپ كەتكەن پادىشاھلىرىنىڭ قەبرىلىرىگە تاۋاپ قىلىپ، مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىمايدۇ.


سېنى مەڭگۈلۈك ئەمرىمگە ئالىمەن. مەن ساڭا ھەققانىيلىق، ئادىللىق، مۇھەببەت ۋە شاپائىتىمنى كۆرسىتىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite