Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 12:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 مەن پەرۋەردىگار ئالدى بىلەن يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى يەھۇدىيە خەلقىگە غەلىبە ئاتا قىلىمەن. شۇنداق بولغاندا، داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنىڭ ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرى باشقا يەھۇدىيە خەلقىنىڭ شان-شەرەپلىرىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 12:7
20 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن خەلقىمنى ئۆز زېمىنلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ھەربىر ئائىلىگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن. يېرۇسالېم خارابىلىك ئۈستىگە قايتا قۇرۇلىدۇ. پادىشاھ قەلئەسى ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلىنىدۇ.


شۇنداق ئىكەن، بىز تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندۇق، دەپ ماختىنىمىزمۇ؟ ياق! بىزنىڭ ماختىنىشىمىزنىڭ ئورنى يوق. نېمە سەۋەبتىن؟ چۈنكى، ئىنسانلار تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىقلا كەچۈرۈمگە ئېرىشىدۇ.


شۇ كۈنى ئەھدە بىكار بولدى. مېنى كۆزىتىپ تۇرغان زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار بۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى چۈشەندى.


ئاندىن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار زىرۇببابەلگە مۇنداق دەيدۇ: «قۇدرىتىڭلار ياكى كۈچۈڭلار بىلەن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ روھىم بىلەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىسىلەر. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


«ۋاقتى كەلگەندە، داۋۇتنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن كەپىسىنى قايتىدىن قۇرىمەن. بۇزۇلغان تاملىرىنى ئوڭشاپ، خارابىلىكلىرىنى قايتا بىنا قىلىمەن. مەن ئۇنى ئەسلىدىكىدەك قايتا قۇرۇپ چىقىمەن.


بۇ خەلققە كەلگەن كەلگۈلۈكنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىرادە قىلدى. ئۇ ھاكاۋۇر خەلقنىڭ شۆھرىتىنى يەرگە ئۇردى. يەر يۈزىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان سودىگەرلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆكتى.


دۈشمەنلىرىم ئەمەس ماڭا ھاقارەت قىلغانلار، بولمىسا سەۋر-تاقەت قىلار ئىدىم. ئۆچمەنلىرىم ئەمەس مېنى كەمسىتكەنلەر، بولمىسا ئۇلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇرار ئىدىم.


تىلەيمەن، ئۈستۈمدىن كۈلمىسۇن بىراۋلار، تېيىلغىنىمدا ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلار.


كۈلپىتىمدىن خۇشال بولغانلار، غەپلەت بېسىپ شەرمەندە بولغاي. مەندىن ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقانلار، رەسۋا بولۇپ نومۇستا قالغاي.


ئەگەر سىلەر بىز سەندىن ياخشى، دەپ ئويلىساڭلار ۋە خورلۇقلىرىم ئارقىلىق مېنى ئەيىبلىمەكچى بولساڭلار،


يامان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىز ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزگە كۆپ كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كەمتەرلەرگە» دەپ يېزىلغىنىدەكتۇر.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقاد جەھەتتە باي قىلىش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، تاللىدى.


بۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرى بىلەن خۇرسەنلىككە چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى: - پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۆزىنى ئەقىللىق، بىلىملىك چاغلايدىغان كىشىلەردىن يوشۇرۇپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي كىشىلەرگە ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن. شۇنداق ئاتا، سېنىڭ ئۆز خاھىشىڭ ئەنە شۇ ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite