زىكىرىيا 12:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرىنى ئوتۇن ئارىسىدىكى چوغ، سامان ئارىسىدا يېنىپ تۇرغان مەشئەل قىلىمەن. ئۇلار ھەر تەرەپتىن قورشاۋغا ئالغان بارلىق ئەللەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. يېرۇسالېم خەلقى ئۆز جايىدا، يەنى يېرۇسالېمدا ئامان-ئېسەن ياشايدۇ. Gade chapit la |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي سىئون خەلقى، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، دۈشمىنىڭلارنى يانجىڭلار! سىلەرگە تۆمۈر مۈڭگۈز، تۇچ تۇياق ئاتا قىلىمەن، سىلەر نۇرغۇن ئەللەرنى يانجىپ، ۋەيران قىلىسىلەر. ئۇلارنىڭ بايلىقىنى، يەنى ناتوغرا يول بىلەن توپلىغان بايلىقىنى مەن پەرۋەردىگارغا، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسىگە ھەدىيە قىلىسىلەر.»