Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 12:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 مەن پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەنكى، ئۇ كۈن كەلگەندە، بارلىق ئاتلارنى ئۈركۈتىمەن ۋە ئات ئۈستىدىكى چەۋەندازلارنى ئەقلىدىن ئازدۇرىمەن. مەن يەھۇدىيەگە ھامىيلىق قىلىمەن، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئاتلىرىنى كور قىلىمەن.

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 12:4
24 Referans Kwoze  

ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن يېرۇسالېمنى مىدىرلاتقىلى بولمايدىغان تاش قىلىمەن. ئۇنىڭغا قارشى بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلغان بارلىق ئەللەر ئۇنى يۆتكىمەكچى بولسا، ئۆزلىرىنى يارىلاندۇرىدۇ.


ئۇ سىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ساراڭ قىلىدۇ، كۆزۈڭلارنى كور قىلىدۇ.


ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرىنى ئوتۇن ئارىسىدىكى چوغ، سامان ئارىسىدا يېنىپ تۇرغان مەشئەل قىلىمەن. ئۇلار ھەر تەرەپتىن قورشاۋغا ئالغان بارلىق ئەللەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. يېرۇسالېم خەلقى ئۆز جايىدا، يەنى يېرۇسالېمدا ئامان-ئېسەن ياشايدۇ.


بۇرۇنقى زامانلاردا، خۇدا: «بۇتقا ئىشىنىدىغانلار ھازىرچە مېنىڭ يوللىرىمنى بىلمەيدۇ» دەپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆرمەسكە سالدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، ئۇنىڭ يولىغا قايتىشقا بۇيرۇماقتا!


دۈشمەن قوشۇنلىرىدىكى ئات، قېچىر، تۆگە، ئېشەك ۋە بارگاھلىرىدىكى بارلىق ھايۋانلارغىمۇ ئوخشاشلا ۋابا تېگىدۇ.


ئۇ كۈن كەلگەندە، يېرۇسالېمدا كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد خۇددى مىگىددو تۈزلەڭلىكىدىكى ھاداد-رىممون دېگەن جايدا كۆتۈرۈلگەن داد-پەريادقا ئوخشاش كۈچلۈك بولىدۇ.


ئۇلار جەڭ مەيدانىدىكى باتۇرلاردۇر. ئۇلار كوچىدىكى لاينى چەيلىگەندەك دۈشمەنلىرىنى چەيلەيدۇ. ئۇلار جەڭ قىلىدۇ، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئۇلارغا ياردۇرمەن. ئۇلار دۈشمەن چەۋەندازلىرىنى نومۇسقا قويىدۇ.


دۈشمەنلەرنىڭ بېسىپ كىرمەسلىكى ئۈچۈن، ئۆز ئىبادەتخانامنى قوغدايمەن. يات خەلقلەر ئەمدى خەلقىمگە زۇلۇم سالالمايدۇ، چۈنكى مەن زېمىنىمنى كۆزىتىپ تۇرىمەن.»


ئى خۇدايىم، ئىلتىجايىمغا قۇلاق سالغىن. ئۈمىدسىز ھالىتىمىزنى، يەنى ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان شەھەرنىڭ خارابە ھالىتىنى كۆرگىن. بىزنىڭ ھەق بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ بەك رەھىمدىل بولغانلىقىڭدىن سەندىن تىلەۋاتىمىز.


جەڭ ئاتلىرىنىڭ، جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ، باتۇرلارنىڭ ۋە ھەر خىل لەشكەرلەرنىڭ گۆشلىرىنى تويغۇچە يەيسىلەر.» بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


مەن سېنى يولۇڭدىن ياندۇرۇپ ئەكېلىمەن. جاۋىغايلىرىڭدىن ئىلمەك بىلەن ئېلىپ، چوڭ-كىچىك قالقان تۇتقان، قىلىچ ئوينىتىدىغان بارلىق لەشكەرلىرىڭنى، ئاتلىرىڭنى ۋە ساۋۇت كىيگەن چەۋەندازلىرىڭنى سۆرەپ ئەكېلىمەن.


ئۇلارنى قوغدايمەن ۋە بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ئۇلارنى قۇدرەتلىك قىلىمەن، ئاغدۇرمايمەن. ئۇلارنى بۇ زېمىندا ئۆستۈرىمەن، قومۇرۇپ تاشلىمايمەن.


ئى پەرۋەردىگار، نىدايىمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسەن، كۆزلىرىڭنى ئېچىپ قارىغايسەن، سانخېرىبنىڭ سەن مەڭگۇ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغايسەن.


ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار پەلەكتىكى كۈچلەرنى، يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى جازالايدۇ.


مەن خىزمەتكارلىرىڭ بولغان ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلغىنىمدا، دۇئالىرىمغا قۇلاق سالغايسەن ۋە ماڭا نەزەر سالغايسەن! مەن بىز ئىسرائىللارنىڭ ساڭا قارشى گۇناھ قىلغىنىغا توۋا قىلىمەن. ئەجدادلىرىم گۇناھ ئۆتكۈزدى، ھەتتا مەنمۇ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم.


مۇشۇ جايدىن قىلىنغان دۇئاغا كۆزۈم ۋە قۇلىقىمنى ئوچۇق قىلىمەن.


ئى خۇدايىم، بىزگە نەزىرىڭنى ئاغدۇرۇپ، مۇشۇ جايدىن قىلىنغان دۇئاغا قۇلاق سالغايسەن.


سەن «خەلق ماڭا ئىبادەت قىلسۇن» دەپ ئېيتقان بۇ ئىبادەتخانىغا كېچە-كۈندۈز نەزەر سالغايسەن. خىزمەتكارىڭنىڭ بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن!


ئارراملار ئېلىشاغا قارشى باستۇرۇپ كەلگەندە، ئۇ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: _ بۇ ئادەملەرنىڭ كۆزىنى كور قىلىپ قويغايسەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆزىنى كور قىلىپ قويدى.


ئاررام پادىشاھى جەڭ ھارۋىلىرىمۇ بولغان زور بىر قوشۇننى ئۇ يەرگە ئەۋەتتى. ئۇلار كېچىدە كېلىپ، دوتان شەھىرىنى قورشاۋغا ئالدى.


سەن «خەلق ماڭا ئىبادەت قىلسۇن» دەپ ئېيتقان بۇ ئىبادەتخانىغا كېچە-كۈندۈز نەزەر سالغايسەن. خىزمەتكارىڭنىڭ بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن!


يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرى ئۆزلىرىگە شۇنداق دېيىشىدۇ: ‹يېرۇسالېم ئاھالىلىرى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردىن كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشىدۇ›.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite