Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 12:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 پۈتۈن ئىسرائىل زېمىنى ھازا تۇتىدۇ. ھەر بىر جەمەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھازا تۇتىدۇ. شۇنداقلا ئەر ۋە ئاياللارمۇ ئايرىلىپ ھازا تۇتىدۇ. داۋۇتنىڭ جەمەتى، ناتاننىڭ جەمەتى،

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 12:12
17 Referans Kwoze  

مانا، ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدە كەلمەكتە. ھەممە كۆزلەر، ھەتتا ئۇنىڭ تېنىنى نەيزىلىگەنلەرمۇ ئۇنى كۆرىدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازا تۇتىدۇ. بۇ ئىش جەزمەن بولىدۇ، ئامىن!


ئەلياقىم مېلېئاھنىڭ ئوغلى، مېلېئاھ مەننانىڭ ئوغلى، مەننا ماتاتانىڭ ئوغلى، ماتاتا ناتاننىڭ ئوغلى، ناتان داۋۇتنىڭ ئوغلى،


ئۇ چاغدا، ئاسماندا ئىنسانئوغلىنىڭ كەلگەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈنىدۇ، يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر يىغا-زار قىلىشىدۇ. ئۇلار ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.


ئۇلار كېلىپ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى روھانىيلار ۋە پەيغەمبەرلەردىن: «يىللاردىن بېرى ئىبادەتخانا ۋەيران قىلىنغان خاتىرە كۈنىنى ئەسلەپ، ياز ئاخىرىدا قىلىپ كېلىۋاتقان قايغۇ ئىچىدىكى روزىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇرىمىزمۇ؟» دەپ سورىدى.


يېرۇسالېمدا تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرى: شاممۇۋا، شوباب، ناتان، سۇلايمان


ئەر-ئايال بىر-بىرىنىڭ جىنسىي تەلىپىنى رەت قىلماسلىقى كېرەك. پەقەت پۈتۈن زېھنىڭلار بىلەن دۇئا قىلىش مەقسىتىدە ئۆز ماقۇللۇقۇڭلار بىلەن ۋاقىتلىق بىرگە ياتماسلىققا كېلىشكەندىن باشقا ۋاقىتلاردا بىر-بىرىڭلاردىن ئايرىلىپ ياتماڭلار. بولمىسا، شەيتان سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىغانلىقىڭلاردىن پايدىلىنىپ، سىلەرنى زىناخورلۇق قىلىشقا ئازدۇرۇپ كېتىشى مۇمكىن.


خەلقنى يىغىڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنى پاكلىسۇن. ياشانغانلارنى ۋە بالىلارنى يىغىڭلار، ھەتتا بوۋاقلارمۇ يىغىلسۇن. يېڭى توي قىلغان قىز-يىگىتلەر ھۇجرىلىرىدىن چىقسۇن.


مەن ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ پەريادىنى ئېنىق ئاڭلىدىم. ئۇلار ماڭا مۇنداق دېدى: ‹بىز بويۇنتۇرۇققا كۆنمىگەن موزايغا ئوخشاپ قالغانىدۇق. سەن بىزنى تەربىيەلىدىڭ، بىز ساۋاق ئالدۇق. بىزنى ئۆزۈڭنىڭ يولىغا قايتۇرغايسەن. بىز سېنىڭ يولۇڭغا قايتىشقا ئىنتىزارىمىز، چۈنكى سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «پادىشاھ ۋە خان ئانىسىغا ئېيتقىن: ‹تەختلىرىڭلاردىن چۈشۈڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ بۈيۈك تاجلىرىڭلار بېشىڭلاردىن يۆتكىلىدۇ.


زېمىن ھازا تۇتىدۇ، ئاسمان قاراڭغۇلۇققا چۆكىدۇ. مەن مەقسىتىمنى ئوچۇق ئېيتتىم ۋە قارار قىلدىم. قارارىمنى ئۆزگەرتمەيمەن.»


تاقىر تاغلاردىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆز بۇتلىرىغا قىلغان نالە-پەريادلىرىنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىق يوللىرىغا مېڭىپ، مېنى _ ھەقىقىي پەرۋەردىگار خۇدانى ئۇنتۇپ قالغانىدى.


پەرۋەردىگار ناتان پەيغەمبەرنى داۋۇتنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇ كېلىپ، داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ بىر شەھەردە ئىككى ئادەم بار بولۇپ، بىرسى باي، بىرسى كەمبەغەل ئىكەن.


ئۇ كېچە پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەمدە پۈتۈن خەلق ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، قاتتىق يىغا-زار قىلىشتى. چۈنكى ئادەم ئۆلمىگەن بىرمۇ ئائىلە يوق ئىدى.


ئۇ كۈن كەلگەندە، يېرۇسالېمدا كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد خۇددى مىگىددو تۈزلەڭلىكىدىكى ھاداد-رىممون دېگەن جايدا كۆتۈرۈلگەن داد-پەريادقا ئوخشاش كۈچلۈك بولىدۇ.


لاۋىي قەبىلىسى، شىمئى جەمەتىمۇ شۇنداق قىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite