11 ئۇ كۈن كەلگەندە، يېرۇسالېمدا كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد خۇددى مىگىددو تۈزلەڭلىكىدىكى ھاداد-رىممون دېگەن جايدا كۆتۈرۈلگەن داد-پەريادقا ئوخشاش كۈچلۈك بولىدۇ.
خىزمەتكارلىرى ئۇنى جەڭ ھارۋىسىدىن يەنە بىر ھارۋىسىغا يۆلەپ چىقىرىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. يوشىيا ۋاپات بولۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى ئۇنىڭغا ماتەم تۇتتى.
ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان زاماندا مىسىر پىرئەۋنى نىكو ئاسسۇر پادىشاھىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن فىرات دەرياسىنىڭ بويىغا كەلدى. پادىشاھ يوشىيا لەشكەر چىقىرىپ ئالدىنى توسماقچى بولدى. ئۇلار مىگىددودا ئۇچراشتى، پىرئەۋن نىكو يوشىيانى ئۆلتۈردى.
ئۇ چاغدا، ئاسماندا ئىنسانئوغلىنىڭ كەلگەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈنىدۇ، يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر يىغا-زار قىلىشىدۇ. ئۇلار ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.
مانا، ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدە كەلمەكتە. ھەممە كۆزلەر، ھەتتا ئۇنىڭ تېنىنى نەيزىلىگەنلەرمۇ ئۇنى كۆرىدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازا تۇتىدۇ. بۇ ئىش جەزمەن بولىدۇ، ئامىن!
ئۈچ يامان روھ پادىشاھلارنى ئىبرانىيچە «ئارماگېدون» دېيىلىدىغان يەرگە توپلىدى.
پۈتۈن ئىسرائىل زېمىنى ھازا تۇتىدۇ. ھەر بىر جەمەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھازا تۇتىدۇ. شۇنداقلا ئەر ۋە ئاياللارمۇ ئايرىلىپ ھازا تۇتىدۇ. داۋۇتنىڭ جەمەتى، ناتاننىڭ جەمەتى،
لېكىن يوشىيا خۇدانىڭ نىكو ئارقىلىق دېگەن سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىدى. ئۇ لەشكەرلىرىنى چېكىندۈرمەستىن، ئەكسىچە، قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، مىگىددو تۈزلەڭلىكىدە نىكو بىلەن جەڭ قىلدى.