زىكىرىيا 12:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە توغرىسىدىكى ۋەھىيسىدۇر. ئاسماننى يېيىپ، زېمىننىڭ ئۇلىنى قويغان، ئىنسانغا روھ ئاتا قىلغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: Gade chapit la |
مەن پەرۋەردىگار دەيمەنكى، ئەي خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، قورقماڭلار، ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئالاقزادە بولماڭلار! چۈنكى مەن سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلارنى يىراقلاردىكى سۈرگۈن قىلىنغان يەرلەردىن چوقۇم قۇتقۇزۇپ كېلىمەن. ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتىپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىسىلەر. سىلەرگە ھېچكىم ۋەھىمە سالمايدۇ.