9 مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم: _ سىلەرنىڭ پادىچىڭلار بولۇشنى خالىمايمەن. ئۆلىدىغانلىرى ئۆلىۋەرسۇن، ھالاك بولىدىغانلىرى ھالاك بولىۋەرسۇن، ساق قالغانلىرى بىر-بىرىنىڭ گۆشلىرىنى يىيىشسۇن.
نىبۇكادنەزەر كېلىپ، مىسىرغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى پېشانىسىگە كېسەللىك پۈتۈلگەنلىرى، كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ، سۈرگۈن قىلىنىش پۈتۈلگەنلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ، ئۇرۇشتا ھالاك بولۇشقا پۈتۈلگەنلىرى ئۇرۇشتا ھالاك بولىدۇ.
يامانلىق قىلغۇچىلار يامانلىقىنى قىلىۋەرسۇن، پەسكەشلەر پەسكەشلىكىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسۇن، ھەققانىيلار ھەققانىيلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسۇن، خۇداغا ئاتىلىپ پاك بولغانلار پاكلىقتا ياشاۋەرسۇن، - دېدى
- نۇرنىڭ ئاراڭلاردا چاقنايدىغان ۋاقتى ئۇزۇن ئەمەستۇر. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ سىلەرنى بېسىۋالماسلىقى ئۈچۈن، نۇر بار ۋاقتىدا داۋاملىق مېڭىڭلار. قاراڭغۇلۇقتا ماڭغان كىشى ئۆزىنىڭ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرگە: «گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنماي ئۆلىسىلەر» دېدىم. چۈنكى، سىلەر مېنىڭ «مەڭگۈ بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنماي ئۆلىسىلەر، - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە: - مەن بۇ يەردىن كېتىمەن، سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، بىراق تاپالمايسىلەر. شۇنداقلا، گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنمايلا ئۆلىسىلەر. مەن كېتىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر، - دېدى.
بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر شۇ سەۋەبتىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىن مەھرۇم قىلىنىسىلەر، خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ياشايدىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ.
ئۇ يول بويىدىكى بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردى. دەرەختە يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالماي، دەرەخكە قاراپ: - بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ مېۋە بەرمىگەيسەن! - دېۋىدى، ئەنجۈر دەرىخى شۇئان قۇرۇپ كەتتى.
ئۇلارغا پىسەنت قىلماڭلار؛ ئۇلار قارىغۇلارغا يول باشلايدىغان قارىغۇلاردۇر. ئەگەر قارىغۇ قارىغۇنى يېتەكلىسە، ھەر ئىككىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.
ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىنى، بالىلار ئۆز ئاتا-ئانىلىرىنى يەيدۇ. مەن سېنى جازالايمەن. بارلىق ھايات قالغانلارنى ھەر يەرگە چېچىۋېتىمەن.
سىلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇيمەن. سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ شەھەرنى سىلەر بىلەن قوشۇپ، كۆز ئالدىمدىن يوق قىلىمەن.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەگەر بۇ پەيغەمبەرلەر، روھانىيلار ياكى باشقا كىشىلەردىن بىرەرسى سەندىن: «پەرۋەردىگار بىزگە نېمە يۈكلەرنى يۈكلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى؟» دەپ سورىسا، سەن ئۇلارغا: «سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار بىر يۈك! شۇڭلاشقا پەرۋەردىگار سىلەردىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دەپ جاۋاب بەرگىن.
سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنىڭلارنىڭ بۇ شەھەرنى تاكى ئاشلىق قالمىغۇچە مۇھاسىرىگە ئېلىشىغا يول قويى مەن. مۇھاسىرىگە چۈشكەنلەر شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلەنگەنلىكتىن ئۆز بالىلىرىنى ۋە بىر-بىرىنى يەيدۇ.›»
خەلقىم مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەيران بولىدۇ. ئەي روھانىيلار، سىلەر مېنى تونۇشنى رەت قىلدىڭلار. مەنمۇ سىلەرنىڭ مېنىڭ روھانىيلىرىم بولۇشۇڭلارنى رەت قىلىمەن. سىلەر مېنىڭ قانۇنلىرىمنى ئۇنتۇدۇڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلارنى ئۇنتۇيمەن.
مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بۇ زېمىندىكى ئادەملەرنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى يوقىلىدۇ، پەقەت ئۈچتىن بىرى تىرىك قالىدۇ.